ئامېرىكىدا 63 بوۋاق جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بىر تۈرمىدىن 63 بوۋاق جەسىتىنىڭ قالدۇقى تېپىلدى.

ئامېرىكىدا 63 بوۋاق جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېتروئىت ساقچى باشلىقى جېيمس كراگ، بىر كىشىنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن شەھەردىكى پېرري تۈرمىسىدە تويۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قۇتىغا سېلىنغان ھالەتتە 36؛ توڭلاتقۇلاردا 27 بوۋاق جەسىتىنىڭ قالدۇقىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەكشۈرۈشتىن كېيىن تۈرمە تاقىۋېتىلدى.

ساقچىلار، ئۆتكەن ھەپتە تاپشۇرۇپ ئالغان بىر پارچە ئىسىمسىز مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دېتروئىتتىكى Cantrell ئىسىملىك بىر كونا تۈرمىنىڭ تۇرۇسلىرى ئارىسىدىن ئەخلەت خالتىلىرىغا سېلىپ يوشۇرۇپ قويۇلغان 11 بوۋاقنىڭ جەسەت قالدۇقىنى تاپقان ۋە ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرغانىدى.

مىچىگان ئىشتاتلىق ئىجازەتنامە چىقىرىش باشقارمىسى، Cantrell ئىسىملىك تۈرمىنىڭ ھەر خىل رۇخسەتنامىلەرگە ۋە پۇل – مۇئامىلە بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاپرېل ئېيىدا تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر