رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدىكەن ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىنىدىغان شويگۇ گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ئىككى مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، 14 – فېۋرالدا سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا چاقىرىلىدىغان 4 - نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىندىن ئىلگىرى، ئومۇمەن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، نۇقتىلىق ھالدا ئىدلىب قاتارلىق جايلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كۈرەش مەيدانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر