شاناھان تويۇقسىزلا ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇپ ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھان، ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

شاناھان تويۇقسىزلا ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇپ ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاترىك شاناھان ئالدىنقى كۈنى ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماستىنلا ئافغانىستاندا تۇيۇقسىزلا زىيارەتتە بولدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى مىڭبېشى سېئان روبېرتسون زىيارەت توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھان، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئافغانىستان بىلەن بىرلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەقستىدە پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شاناھاننىڭ غېنى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى  مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىڭبېشى روبېرتسون، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا چارە تېپىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

شاناھاننىڭ زىيارىتى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش دەۋالىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزادنىڭ تالىبان بىلەن كۆرۈشى توغرىسىدىكى دەتالاش داۋاملىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

پېنتاگون بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندىن چېكىنىش توغرىسىدا ھېچقانداق يوليورۇق تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر