قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ نىشانى ۋە بۇنىڭدىكى ئىلاھىي ھېكمەت

قۇرئان كەرىمدە «ھالاك» مەسىلىسى بولۇپمۇ قىسسەلەردە ناھايتى كۆپ زىكرى قىلىنىدۇ. شۇڭا، بەزى قىسسەلەر «ھالاك قىسسەلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ نىشانى ۋە بۇنىڭدىكى ئىلاھىي ھېكمەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرلەر ۋە قەۋملەرگە ئائىت قىسسەلەر ناھايتى كۆپ زىكرى قىلىنىدۇ. جۈملىدىن قۇرئاننىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۆتكەن ئۈممەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

تەبەرى قاتارلىق بەزى مۇپەسسىرلەر قىسسەلەرنىڭ قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسا، يەنە بەزىىلىرى ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، رەشىد رىزا قاتارلىق ئۆلىمالار «قىسسەلەر قۇرئاننىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى بەزى ھادىسە ۋە خەۋەرلەر قىسسەلەرگە داخىل قىلىنغىنىدا،  قىسسەلەر قۇرئان كەرىمنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېگۈچىلەرمۇ بار.

قىسقىسى، تارىخ مابەينىدە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ قىسسىلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ئەمەس، ئەكسىچە قۇرئاننىڭ غايىسىغا ئۇيغۇن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دەردلىرى بولغان تەرەپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئومۇمىي پىرىنسىپلار بايان قىلىنىدۇ.

قۇرئاندىكى قەسسەلەر ئىلمى پۈتكۈل كائىناتنى قورشاپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ مەلۇماتىغا ۋە ئۇنىڭ بايانىغا ئاساسلىنىدىغان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك خۇلاسىسىدۇر.

ئىلاھىي رەھمەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ۋە توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان قۇرئان قىسسەلىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنى توغرا يولغا باشلاش ۋە تەبلىغ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن ئالغان ھىدايەت دەستۇرلىرى، ئىلاھىي قانۇنلىرىنى ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىش مېتودىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ بۇ تەبلىغقا قارىتا ئىجابيي ۋە سەلبىي جەھەتتىن تۇتقان پوزىتسىيەلىرىنىڭ ھەمدە ئىمان بىلەن كۇفرىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس كۈرەشنىڭ ئاممىباب خۇلاسىسى ۋە قىسقىچە تارىخىدىن ئىبارەتتۇر.

قۇرئاندىكى قىسسەلەر «تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تارىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىسسەلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە قىسقىچە ۋە خلاسە قىلىپ ھەمدە نەقىل كەلتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان خۇسۇسلار، باشقا يەرلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. قىسسەلەردىمۇ شۇنداق.

ھەربىر پارچىسى مىسلىسىز مۇكەممەللىكنى تەشكىل قىلىدىغان قۇرئان كەرىمنى بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىدە تەتقىق قىلغاندا، ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن.

 قۇرئاندىكى قىسسەلەر ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان ئويدۇرما ھېكايەلەردىن ئىبارەت ئەمەس، ئەكسىچە تارىخ مابەينىدە ئىنسانلار باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقەتلەر ئالەمشۇمۇل ۋە ئاممىباب تىلدا يورۇتۇپ بېرىلگەن رېئال ۋەقەلىكلەردۇر.

ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى، جەزبىدارلىق بايانلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىسسەلەرنىڭ مەنبەسىنى ئىنسانىيەتكە تەبلىغ قىلىنغان پەيغەمبەرلىك تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھېكايە – قىسسەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، دۇنيادىكى بارلىق ھېكايە – قىسسەلەر قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ قىلىغىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەلىرى ۋە نىيەتلىرىگە ئاساسەن قىسسەلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىرىغان ۋەز – نەسىھەتلەر باردۇر، شۇنداقلا سەمىمىي ۋە دۇرۇس ئىنسانلارغا نىسبەتەن قۇرئان كەرىم پۈتمەس - تۈگىمەس مەلۇمات مەنبەسى ۋە بىباھا بىلىم خەزىنىسىدۇر.

قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش نىشانى بىلەن قىسسەلەرنى بايان قىلىش سەۋەبى ئوخشاشتۇر. جۈملىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش نىشانى قانداق بولسا، قىسسەلەرنى بايان قىلىشتىكى مەقسەتمۇ شۇنداقتۇر.

قۇرئاندا ئۆتمۈشكە ئائىت تارىخىي ۋەقەلىكلەر ۋە ئىبرەتلىك سەھنىلەر، ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە ھەقىقەتنى تەبلىغ قىلىشتىن ئىبارەت قۇرئاننىڭ ئاساسلىق نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا يورۇتۇپ بېرىلمەكتە، قىسسەلەردىكى ھەربىر ۋەقەلىكنىڭ مەلۇم بىر ھېكمەتكە ۋە مەلۇم بىر غايىگە ئاساسلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەربىر ھۆكۈم ۋە ھەربىر ھادىسىنىڭ مەلۇم بىر ئارقا پىلانغا ۋە زەنجىرسىمان ھېكمەتلەرگە ئاساسلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا، قىسسەلەردە ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇنلىرىغان ھېكمەتلەر ۋە غايىلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئىمان ۋە كۇفرىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەھىيگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەلىرى ئەڭ كۆپ قىسسەلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرئاندىكى قىسسەلەردە ئىسلامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بولغان ئاللاھنى، پەيغەمبەرنى ۋە ئاخىرەتنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق يەر يۈزىدە ئادالەت بەرپا قىلىش مەسىلىسى تۈرلۈك ئۇسلۇبلاردا ھەمىشە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلمەكتە.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان كەرىمنىڭ بارلىق نىشانلىرىنى «ئاخىرقى مەنزىلگاھقا ئېلىپ بارىدىغان داغدام يوللار» دېيىش مۇمكىن. چۈنكى قىسسەلەردە ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەن قەھرىمانلار ياكى مىسال كەلتۈرۈلگەن ھادىسىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتى، بارلىق دىنلارنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەسلىدە بىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ياكى تۇزكورلۇق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلمەكتە، بۇ ئارقىلىق قۇرئاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتلەر يەنىمۇ تەكىتلەنگەن ھالدا خاتىرىلىتىلماقتا.

قۇرئاندىكى قىسسەلەرنىڭ نىشانى پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى بەرقارار قىلدۇرۇش، ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. قىسسەلەر قۇرئاندا تارىخىي ۋەقەلىكلەر تەرىقىسىدە بايان قىلىنمىغىنىدەك، نىشانىمۇ تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىش ئەمەس. قۇرئاندىكى قىسسەلەر بىر ھايات ھېكايىسى بولۇشتىنمۇ بەكرەك ھاياتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. نىشانى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى خۇددى بىر تارىخ كىتابىدەك تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەستۇر. قۇرئاننىڭ قىسسەلەرنى خاتىرىلىشىدىكى بىردىنبىر نىشانى ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ۋە ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىنى  ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر