بۈگۈن تېررورلۇققا قارشى بىرگەۋدىلىشىدىغان كۈن

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (01)

بۈگۈن تېررورلۇققا قارشى بىرگەۋدىلىشىدىغان كۈن

بۈگۈن تېررورلۇققا قارشى بىرگەۋدىلىشىدىغان كۈن

 

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ گويا پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ» دەيدۇ. (سۈرە مائىدە 32 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ ۋەيران بولىشىدىنمۇ ئېغىردۇر» دەيدۇ.  (بۇخارى)

 ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن، مۇشۇ كۈنلەردە بىر پۈتۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوڭقۇر ئازاب ئىچىدىمىز. چۈنكى ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا ۋە تۈنۈگۈن ئىزمىردا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق. گۇناھسىز ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى يەنە بىر قېتىم يۈزىكىمىزنى داغلىدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋرى – تاقەت تىلەيمىز. مىللىتىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ مېھرابتا ھەر دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغانغا ئوخشاش بىزنىڭ دىنىمىزدا ھەر بىر ئىنسان ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ھەر بىر ئىنساننىڭ ھايات ياشاش ھوقۇقى مۇقەددەستۇر. ئىنساننىڭ جېنىغا، مال – مۈلكىگە، نۇمۇسى، ئىززەت ئابرويىغا قەتئىي چىقىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى يۇقۇرىقى ئايەتتە كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش قۇرئان كەرىم بىزگە: «كىم بىر جانغا زامىن بولسا، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ» دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئىنسانغا ھاياتلىق بەخش ئېتىش، جاننى جانىجان قىلىش ۋە جانغا جان قوشۇشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنى ياخشى بىلىپ قويۇش كېرەككى، ئىسمى، ئىدىئولوگىيەسى، تۇتقان يولى ۋە تاشقى كۆرۈنىشى باشقا بولسىمۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قەست قىلغان ھەر تۈرلۈك تېررورىزمنىڭ غايىسى ئوخشاشتۇر. بىرلىكىمىزگە، باراۋەرلىكىمىزگە ۋە قېرىنداشلىقىمىزغا زىيان سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بىزنىڭ بايلىقىمىز ھېسابلىنىدىغان كۆپ خىللىققا ئىگە جەمئيىتىمىزنىڭ ئىتتىپاق ھالدا بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرىنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. تېررورلۇقنىڭ غايىسى قەلبلىرىمىزنى پىتنە – پاسات، ئۆچ – ئاداۋەت، نەپرەت ۋە زوراۋانلىقنىڭ زۇلمىتىگە چۆكتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىزلەرنى توقۇنۇش ۋە خاتىرجەمسىزلىكنىڭ گىردابىغا سۆرەش، كۈچىمىزنى ئاجىزلىتىش ۋە ئىستىقابىلىمىزغا بولغان ئۈمىدلىرىمىزگە توپا چېچىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قۇرئان كەرىمدىكى ھۇجۇرات سۈرىسىدە بىزگە تەلىم بېرىلگەن ئەخلاقىي پىرىنپىسلارغا نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلماقتىمىز. (سۈرە ھۇجۇراتنىڭ 1- ئايىتىدىن 18 ئايەتلىرىگە قارالسۇن) شۇڭا بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە ھەر بىرى ئالتۇندىن قىممەتلىك بۇ ئېسىل دۇردانىلارغا ھەممەيلەن بىرلىكتە چىن يۈرەكتىن قۇلاق سالايلى!

بۇ پىرىنسىپلارنىڭ بىرىنچىسى «تەكشۇرۇڭلار» دېگەن ئىلاھي ئەمىر بولۇپ، رەببىمىز بىزگە «ئىي ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئىشەنچىسىز كىشىلەردىن بىرسى سىلەرگە خەۋەر ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ خەۋەرنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ياخشى تەكشۈرۈڭلار» دەيدۇ. كەلگەن خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلماي، ھەقىقەتلەرنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئۇنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىش بىزلەرنى خاتا ئاقىۋەتلەرگە سۆرىشى مۇمكىن. بۇنداق پوزىتسىيە بەزى ناچار ئەھۋاللاردا پىتنە – پاساتقا سەۋەب بولىدۇ. ئاخىرى قىلغىنىمىزغا پۇشايمان قىلىدىغان يەرگە كېلىپ قالىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئىككىنچى ئەخلاقىي پىرىنسىپ، «ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ۋەيران قىلغۇچى ۋە بۇزۇپ تاشلىغۇچى ئەمەس، تۈزەتكۈچى، ئوڭشىغۇچى، ئەپلەشتۈرگۈچى بولۇش، بۆلگۈنچى ۋە ئارىنى بۇزغۇچى ئەمەس، بىرلەشتۈرگۈچى ۋە پۈتۈنلەشتۈرگۈچى بولۇش، ئۆچ – ئاداۋەت زۇلمىتىگە قارشى سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىقنى ھاكىم قىلىش، تەپرىقچىلىق ۋە توقۇنۇش ئازگاللىرىنى قېرىداشلىقىمىزنىڭ كۈچ – قۇدرىتى بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە تىندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۈچىنچى پىرىنسىپ، «ئادالەتلىك بولۇڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەق – ھوقۇق، ساداقەت ۋە توغرا – دۇرۇسلۇقتىن قەتئىي ئايرىلماسلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ھۇجۇرات سۈرىسى بىزگە تەلىم بەرگەن 4 – پىرىنسىپ بولسا، «مەسخىرە قىلماڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، ھېچ كىشىنىڭ يەنە بىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ۋە خورلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.  ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ يارىتىلىش جەۋھىرىمىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.

 5 – ئەخلاقىي پىرىنسىپ، «قارا چاپلاشتىن ساقلىنىڭلار»  دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، ھەتتا كىچىك ئىشارەت ۋە ئىما ھەرىكەتلىرى بىلەن بولسىمۇ بىراۋنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىش، ئىساننىڭ غۇرۇرى ۋە كىشىلىك سالاھىيتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر تۈرلۈك سۆز – ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

6 – پىرىنسىپ، «بىر – بىرىڭلارنى ناچار لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار» دېگەن ئېلاھىي ئەمىر بولۇپ، بىر – بىرىمىزگە لەقەم قويۇۋالماسلىق كېرەكلىكى جىكىلىنىدۇ. چۈنكى خۇددى ئىنسان قەدىرلەنگە ئوخشاش ئىنساننىڭ ئىسمىمۇ، شەرىپى ۋە سالاھىيىتىمۇ ھەم قەدترلەشكە ھەم ھۆرمەتلەشكە لايىقتۇر.

7  - ئەخلاقىي پىرىنسىپ بولسا، «بىر - بىرىڭلار ھەققىدە ئورۇنسىز گۇمانلاردا بولماڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، ئۆزئارا گۇمانلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. چۈنكى گۇمان كۆپ ھاللاردا خاتالىققا سۆرەيدۇ. گۇناھقا يۈزلەندۈرىدۇ.  خاتا چۈشىنىپ قىلىشقا ۋە بىئاراملىققا سەۋەب بولىدۇ.

8 – ئەخلاقىي پىرىنسىپ، «ئەيىپ ئىزدىمەڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە نۇقسانلىرىنى كولاپ يۈرۈشتىن ئۇزاق تۇرۇش، باشقىلارنىڭ نامەھرەم ئىش ۋە سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماسلىقنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىمىز ئۆز خاتالىقىمىزنى ۋە ئەيىپ – نوقسانلىرىمىزنى ئوڭشاش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. 

9 – ئەخلاقىي پىرىنسىپ، «بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار» دېگەن ئىلاھىي ئەمىر بولۇپ، بىر بىرىمىزنى ئارقىدىن غاچاپ يۈرمەسلىكنى تەلىم بېرىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەتتا يوق يېرىدىمۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇنىڭ ئىززەت - ئابىرويىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت - ئابىرويىمىزدەك ئاسراشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز بىزلەرنى بۇ پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن. بىزلەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىدىغانلاردىن قىلسۇن.

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز مىللىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە قەست قىلماقچى بولغانلارغا پۇرسەت بەرمىسۇن.

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈمىد بولۇۋاتقان بۇ جانىجان دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى بالايى – قازالاردىن ساقلىسۇن. ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر