پەيلاسوپ فارابىنىڭ دۇئاسى

ئىبراھىم كالىننىڭ پەيلاسوپ، لوگىكىچى، سىياسىي مۇتەپەككۇر، ئاسترولوگ ۋە مۇزىكانت فارابىنىڭ بۈيۈك دۇئاسى توغرۇلۇق دېگەنلىرى

پەيلاسوپ فارابىنىڭ دۇئاسى

ئىسلام ئىدىيە ئەنئەنىسىنىڭ غول ئېقىملىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئەل-فارابىنىڭ بۇ دۇئاسى پەقەت ئىسلام پەلسەپىسى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس پەلسەپىۋى چۈشەنچە، مەنىۋى پاكىزلىق ۋە ساپلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەقەلىي ئېنىقلىق ئېھتىياجى ھېس قىلىدىغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر.

بىر پەيلاسوپ ئاللاھقا قانداق يالۋۇرىدۇ؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ باشقا يالۋۇرۇش تۈرلىرىدىن قىلچە پەرقى يوقتۇر. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز كەسپىمىز، تەلىم-تەربىيەمىز ياكى سالاھىيىمىز قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئاللاھقا مەنىۋى جەھەتتىن يېقىن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز. لېكىن مەسىلىگە يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، قىلىنغان ھەر بىر دۇئا ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز توغرۇلۇق يىپ ئۇچى بېرىدۇ.

دۇئا ناھايىتى مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىدۇر. دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئىخلاسىنى تەقەززا قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ بىلەن ئورنىتىلغان ئالاقىنىڭ ئەڭ مەھرەم، ئەڭ يوشۇرۇن ۋە شەخسىي ئىپادىسى، شۇنداقلا چەكلىك ۋە پانىي بولغۇچىنىڭ چەكسىز ۋە باقىي بولغۇچى بىلەن، قۇلنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان دېدارلىشىشىدۇر.

پۈتكۈل دىنى ئەنئەنىلەر ئىنساننىڭ مەنىۋى ھاياتىدا دۇئانىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلامىي ئەنئەنىمۇ ئاللاھقا نىياز قىلىشتا (يالاۋۇرۇش، دۇئا)ئەڭ باي خەزىنەلەردىن بىرىگە ئىگە. بۇ ئەھۋال قۇرئان ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھقا قانداق يالۋۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىدىغان ھەقىقەت نەزەرگە ئېلىنغىنىدا ناھايىتى تەبىئىي ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ چىن ۋە چوڭقۇر يالۋۇرۇش ئاللاھنىڭ چەكسىز مەرھەمىتىنى ۋە ئىنساننىڭ ھەر خىل روھىي-ھالەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەك «دۇئا ئىبادەتنىڭ ئۆزىدۇر.»

دۇئالار ئادەتتە ئۈچ بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ: تۇنجى قىسىم ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ مۇتلەق كۈچىنى ۋە چەكسىز مەرھەمىتىنى ماختىشىدىن، ئىككىنچى قىسىم ئىنساننىڭ «ئاجىزلىقى»نى ۋە ئاللاھقا بولغان مۇھتاجلىقىنى تىلغا ئېلىشىدىن، ئۈچىنچى قىسىم، ئىنساننىڭ ۋاستىسىز ھالدا بىۋاستە ئاللاھنىڭ لۇتفىغا ئېرىشىشتىن  تەشكىل تاپىدۇ.

ئىنسانلار پەرقلىق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا قىلغان يالۋۇرۇشلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھنى ھەم يېگانە مەۋجۇدلۇق ھەم بارلىق سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبى ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرىدىغان پەيلاسوپ ئۈچۈنمۇ ئوخشاشتۇر. بەزى پەيلاسوپلار دۇئالىرىنى قەغەزگە يازغان. ھەر بىر دۇئا پەيلاسوپنىڭ ئۆزىگە خاس نۇقتىينەزىرىنى ۋە ھەق بولغان ئاللاھ بىلەن يارىتىلىش ئالىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق قارايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۈ. بۇلار ئىنساننىڭ مەۋجۇدلىقىغا شۈكۈر قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. پەيلاسوپلارنىڭ ئىبراھىم ئەنئەنىسىنىڭ ياراتقۇچىسىنى، ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا يالۋۇرالمايدىغان مەۋجۇدلۇق پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى تولىمۇ ئاساسسىزدۇر. مۇسۇلمان پەيلاسوپلار كائىناتنىڭ خوجايىنى بولغان ئاللاھ بىلەن بارلىق سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبى بولغان ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇقنى قوغداپ قالالىغان. سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىنىدىغان ئاللاھنىڭ 99 سۈپىتى، ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە كامالىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىزگە مەنىۋى يېقىنلىق ۋە قانائەت ئىزدەش سەپىرىمىزدە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بارلىق دەۋىرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلىرىدىن بولغان ئەل-فارابى (872-950)بىزگە يۇقىرىدىكى نۇقتىينەزەرنى كونكرېتلاشتۇرىدىغان قىسقا دۇئا مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇئەللىم دەپمۇ ئاتلىدىغان ئەل-فارابى پەيلاسوپ، لوگىكىچى، سىياسىي مۇتەپەككۇر، ئاسترولوگ ۋە مۇزىكانت ئىدى. ئىسلامىي ئىدىيە ئەنئەنەسىنىڭ غول ئېقىمىنى بىرلەشتۈرەلىگەن ئەل-فارابىنىڭ بۇ دۇئاسى پەقەتلا ئىسلام پەلسەپىسى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس پەلسەپىۋى چۈشەنچە، مەنىۋى پاكىزلىق ۋە ساپلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەقلىي ئېنىقلىققا ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. («بۈيۈك دۇئا»دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دۇئا مۇھەممەد مەھدى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدىكى قول يازمىسىدىن ئېلىنىپ، تەنقىدىي نۇقتىدىن قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن «ئەل-فارابى، كىتابۇل مىللە ۋە نۇسۇسۇن ئۇخرا»نامى بىلەن بەيرۇتتا 1986-يىلى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىنغان.  تۆۋەندە بۇ ئەسەرنىڭ 89-92بېتىدە ئورۇن ئالغان «دۇئائۇن ئازىمۇن»دۇئاسىنىڭ ئىنگىزلىچە تەرجىمىسىنى قىسقىغىنە ئىزاھات بىلەن بىرلىكتە تاپالايسىز.)

ئەل-فارابىنىڭ دۇئاسى ياراتقۇچى بولغان ئاللاھنىڭ تىئولوگىيەلىك ۋە پەلسەپىۋى-كائىنات پىرىنسىپىنى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. ئاللاھ  بارلىق مەۋجۇدلۇق ۋە پۈتكۈل سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبىدۇر. چەكسىز مەرھەمەت ئالىمىدىن فىترات ئالىمىگە مەۋجۇدلۇقىنى بەخش قىلىپ، مەۋجۇدلۇقنى مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلغان ئۇدۇر. قىلىنماقچى بولغان دۇئا بۇ ئاساسلىق ھەقىقەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بىلەن باشلىنىشى كېرەك.

«ئى مۇتلەق مەۋجۇدلۇق!ئى سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبى، ئەبەدىي بولغان ئاللاھىم! مېنى خاتالىقلاردىن ساقلاشنى، ماڭا سەن ياقتۇرىدىغان ھەرىكەتنى مەقسەت قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن! ئى شەرقنىڭ ۋە غەربنىڭ رەببى بولغان ئاللاھىم! ماڭا بارلىق ئېسىل خىسلەتلەرنى بەخشەندە قىلغىن، ئىش-ھەرىكەتلىرىمدە خەيىرلىك نەتىجە بەرگىن، غەيرەتلىرىم ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىمدە مېنى مۇۋەپپەق قىلغىن.»

شىئىر: «كائىناتتا دەريالار جۇشقۇن ئاققاندەك ئاققان يەتتە پىلانېتا ساھىبى، ئايدىڭلاتقۇچىسى رەب!

بۇ  پىلانېتلار ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى ۋە پۈتكۈل جەۋھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىرادىسى بىلەن خىزمىتىنى ئورۇندايدۇ.

زۇھال، ئۇتارىت ۋە ئەرەندىزگە ئوخشاش پىلانېتلاردىن بىر نەرسە كۈتمەيمەن، مەن خەيىرنى ۋە ھەر نەرسىنى سەندىن كۈتىمەن.»

بۇ مەۋجۇدلۇق ۋە كائىنات پىرىنسىپلىرى بوشلۇقتا تۇرۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ بۈيۈك مەۋجۇدلۇق ھالقىسىدىكى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك. ئەل-فارابى ئاللاھقا دۇئا قىلىپ خەيىر، كەچۈرۈم ۋە گۈزەللىك تىلەيدۇ.

«ئاللاھىم! ماڭا گۈزەل كىيىملەرنى كىيدۈرگىن، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلغىن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئەزىزلىكىنى، بايلارنىڭ سائادىتىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ئىلىملىرىنى ۋە سەندىن قورققۇچىلارنىڭ كەمتەرلىكىنى بەرگىن. رەببىم!مېنى سائادەتسىز ۋە يوقلۇق ئالىمىدىن قۇتدۇلدۇرغايسەن، مېنى رەزىلىككە پاتمىغۇچىلاردىن، سادىقەتمەنلەردىن، دۇرۇسلاردىن ۋە شېھتىلار بىلەن بىرلىكە كۆكتە ياشاۋاتقانلاردىن قىلغىن.»

ئەل-فارابى ھەقىقەت بولماي تۇرۇپ نېجادلىقنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھتىن شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئەينەن كۆرسىتىشىنى ۋە ھەقىقەتكە يۈزلەندۈرۈشىنى تىلەيدۇ: «سەن تولىمۇ ئۇلۇغسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. مەۋجۇدلۇقنىڭ يېگانە ساھىبى، يەرنىڭ ۋە ئاسماننىڭ نۇرىسەن. قۇدرەت ۋە ئىززەت ئىگىسى ئاللاھىم ماڭا پائال ئەقىلدىن ئاتا قىلغىن! ئى ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشىلىق ئىگىسى ئاللاھىم!روھىمنى ھىكمەت نۇرى بىلەن بېزىگىن! ماڭا ئىئانە قىلغان شۈكۈرنى ماڭا ئىلھام قىلغىن! ماڭا ھەقنى ھەق قىلىپ كۆرسەتكىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ يولىنى ئىلھام قىلغىن! ماڭا باتىلنى باتىل قىلىپ كۆرسەتكىن، مېنى باتىلغا ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنى زىكىر قىلىشتىن ساقلىغىن. نەپسىمنى ماددىنىڭ مەينەتلىكىدىن پاك قىلغىن. ئى تۇنجى سەۋەب بولغان ئاللاھىم.!»

«ئى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سەۋەبى بولغا ھەق، بارلىق مەۋجۇداتلار ئېتىلىپ چىققان مەنبە، قەۋەتمۇ قەۋەت ئاسماننىڭ ئىگىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى  ئورۇنلاشتۇرغان رەب، مەندەك بىر گۇناھكار قۇلۇڭ ساڭا سېغىنىپ، مەغپىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن. بۇ گۇناھكار قۇلۇڭنىڭ خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلغايسەن. ئى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ رەببى! ئۇلۇغ دەرگاھىڭدىن بىر ئىلىم بىلەن نەپسىمنى ماددىي ۋە مەنىۋىي مەينەتچىلىكتىن پاكلىغىن.»

ئاللاھ ئەبەدىي بولۇپ، مەرھىمىتى كەڭدۇر، بىراق قۇلى يەنى پەيلاسوپ ئەل-فارابى ئاجىزدۇر، دۇنيا مەئىشىتى ۋە ھايۋانى ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە بېرىلمەسلىك ئۈچۈن ئىلاھىي يولغا ۋە قوغدىلىشقا ئېھتىياج بار: «ئى ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ، پىلانېتالار ئالىمىنىڭ، ئاسماندىكى روھلارنىڭ ئىگىسى ئاللاھىم! بۇ قۇلۇڭدا ئىنسانىي ئارز-ئىستەكلەرنىڭ ۋە رەزىل دۇنيانىڭ سۆيگۈسى كۈچلۈكرەك چىقتى. سېنىڭ ھامىيلىقىڭ مېنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىغاي، تەقۋالىقىم قالقان بولغاي، سەن ھەممە نەرسىنىڭ مۇتلەق ئىگىسەن!

ئاللاھىم مېنى تۆت ئامىلنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىن، مېنى كەڭ دارگاھىڭغا ۋە ئۇلۇغ ھۇزۇرۇڭغا ئالغىن. ئاللاھىم! ماڭا ئاتا قىلغان خۇسۇسىيەتلەرنى دۇنيادىكى نەرسىلەر ۋە بۇ ئالەمنىڭ ئەندىشەلىرى بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى ناچار مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىشىم ئۈچۈن سەۋەب قىلغىن. ھىكمەتنى روھىمنى ئىلاھىي ئالەملەر ۋە ئۇلۇغ روھلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە سەۋەب قىلغىن.

ئاللاھىم! روھىمنى مۇقەددەس روھ ۋاستىسى بىلەن يورۇتقىن، ئەقلىمگە ۋە سەزگۈلىرىمگە ئەڭ ئۇلۇغ ھىكمەتنى تەسىر قىلدۇرغىن، فىزىكىلىق دۇنيانىڭ ئورنىغا پەرىشتىلەرنى ماڭا ھەمراھ قىلغىن. ئى ئاللاھىم! ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتكىن، ئىمانىمنى تەقۋالىق بىلەن مۇستەھكەم قىلغىن، نەپسىمنى دۇنيا سۆيگۈسىگە ئېتىۋەتكىن.

ئاللاھىم! ماڭا ئۆتكۈنچى ۋە ئىسيانكار شەھۋەتلەرگە قارشى كۈچلۈك قىلغىن، روھىمنى ئەبەدىي روھلار ماكانىغا يەتكۈزۈپ، ئۇنى مۇقەددەس جەننەتلەردىكى قىممەتلىك، ئىززەت-ئابرويلۇق ۋە ئەزىز مەۋجۇداتلار توپىغا قوشقىن.»

پەيلاسوپ ئاللاھنىڭ بارلىق گۈزەللىكى ۋە قۇدرىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدى-سانا ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭ چەكسىز مەرھەمىتىنى، ئىنسانلار بولۇپ بارلىق مەۋجۇداتلارغا مەرھەمەت بەخش ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلۇغلايدۇ. بارلىق مەخلۇقات ئاللاھقا ھەمدى-سانا ئېيتىدۇ، بىراق ئىنسانلار بۇ مېتافىزىك دۇئانى چۈشىنىشتە قىينىلىدۇ. شۇنى بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلىم مەنبەسىگە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالدا چۈشىنىش ئۈچۈن يەنە قەلب كۆزىمۇ كېرەك : «.ئى ئاللاھىم سەنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، شەكسىزكى سەن مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر بىرىگە ھىكمىتىڭ بىلەن لايىق ماقامنى ئاتا قىلىسەن، مەۋجۇداتلارغا، يوقلۇققا نىسبەتەن مەۋجۇدلۇقنى نىمەت ۋە رەھمەت قىلغۇچىسەن. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار مەيلى ئەسلى بولسۇن ياكى غەيرى ئەسلى بولسۇن سېنىڭ لۇتفىڭغا لايىقتۇر ۋە نېمەتلىرىڭنىڭ گۈزەللىكلىرىگە ھەمدى-سانا ئوقۇيدۇ. «يەتتە ئاسمان -زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر » (ئىسرا سۈرىسى: 44-ئايەت).

ئاللاھىم! ساڭا ھەمدى-سانا بولسۇن، سەن يېگانىسەن ۋە ئەبەدىيسەن، سەن «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ » (ئىخلاس سۈرىسى).

روھىنى پاكلاش، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاش ۋە ھەقىقەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرغان فارابىنىڭ ئاخىرقى دۇئاسى تولىمۇ كۈچلۈكتۇر: «ئاللاھىم! روھىمنى تۆت ئۇنسۇردىن تەشكىل تاپقان زىندانغا سولىدىڭ ۋە روھىمنى پارچىلاشنى ئىچى شەھۋەت بىلەن تولغان يىرتقۇچى ھايۋانلارغا ھاۋالە قىلدىڭ. ئاللاھىم! ئۇنى ئىسمەتىڭ ئارقىلىق يېڭىلىغىن، ساڭا لايىق شەكىلدە مەرھەمەت قىلغىن، سەندىن كەلگەن ۋە ساڭا لايىق بولغان سېخىيلىقىڭ ۋە ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن! ئاسماندىكى ماكانىغا يەتكۈزىدىغان تۆۋبىنى ئۇنىڭغا لۇتىف قىلغىن. ئۇلۇغ ماقامىغا قايتىپ كېلىشىنى تېزلاشتۈرغىن. نەپسىمنىڭ زۇلمەتلىرىگە پائال ئەقىل قۇيىشىنى دەسسەتكىن. روھىمنى جاھالەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن چىقىرىپ، ھىمكەتنىڭ يورۇقىغا ۋە ئەقىلنىڭ نۇرىغا يەتكۈزگىن. «ئاللاھ ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ۋەلىسىدۇر، ئۇلارنى زۇلمەتتىن چىقارغىن (سۈرە بەقەرە: 257-ئايەت)

ئىنسان قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بەدەننىڭ ئازدۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىلاھىي يولغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئەقىل ئۆز ئالدىغا يەتمەيدۇ، ئەخلاقىي مۇستەھكەملىك ۋە مەنىۋى پاكلىق ئۈچۈن كىشى كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئەل-فارابى بۈيۈك دۇئاسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «ئاللاھىم! كۆرۈنمىگەنلەرنىڭ ھەققىي سۈرەتلىرىنى روھىمغا چۈشتە كۆرسەتكىن، روھىمنى ياخشىلىقلارنى ۋە توغرا خەۋەرنى كۆرىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگىن، سەزگۈ ئەزالىرىمغا تەسىر كۆرسىتىپ بۇزۇپ قويغان كىر ۋە مەينەتچىلىكتىن روھىمنى پاكلىغىن.روھىمدىن فىزىكىلىق دۇنيانىڭ خىرەلىكىنى يىراقلاشتۇرغىن، روھىمنى ئۇلۇغ روھلار ئالىمىدىكى ماقامىغا تەكلىپ قىلغىن.

ئاللاھىم! سەن ماڭا ھىدايەتنى نىسىپ قىلغىن، ماڭا خىسلەت ئاتا قىلغان ۋە قوغدىغان سەن بولىسەن، ھەمدى-سانا يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالىمى مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بولسۇن. ئامىن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر