قۇرئان كەرىمدە زېمىندا ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى

كائىناتتىكى جىمى گۈزەللىكلەرنى بىزگە تەقدىم قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە ھەمىشە ھەمدۇسانالارنى ئېيتىشىمىزغا، شۈكۈر قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە زېمىندا ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردا زېمىنمۇ، ئاسمانمۇ، قۇياشمۇ، ئايمۇ يوق ئىكەن، ھەر تەرەپ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان ئىكەن.

ئاللاھ بۇ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىشنى ۋە گۈزەللىكلەر بىلەن تولغان بىر دۇنيا يارىتىشنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېيىشى بىلەن ئاسمان - زېمىن ۋۇجۇدقا كەلدى. بىزگە ئىللىقلىق ۋە نۇر ئەۋەتىپ ئەتراپىمىزنى يورۇتىدىغان پارلاق قۇياش، تەبەسسۇم بىلەن كۈلىدىغان ئاي ۋە كۆز قىسىپ چاقنايدىغان مىلياردلارچە يۇلتۇز پەيدا بولدى. ئارقىدىن زېمىن ۋە چەكسىز كەتكەن ئوكيانلار ۋە دېڭىزلار يارىتىلدى.

  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پەقەت «ۋۇجۇدقا كەل» دېيىشى بىلەنلا مەيدانغا كەلدى. ئاللاھ زېمننى ئىككى كۈندە يارىتىپ، ئۈستىگە نۇرغۇن تاغلارنى ئورناتتى.

ئىككى كۈندە ئالتە قەۋەتلىك ئاسماننى ياراتتى. ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتكە يۇلتۇزلارنى ۋە ئاقىدىغان يۇلتۇزلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاللاھ دۇنيانى يارىتىپ، ئۇنى قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلاندۇردى. نەتىجىدە كۈنلەر، كېچىلەر ۋە پەسىللەر مەيدانغا كەلدى. ئاللاھ كائىناتنى مىڭلارچە يۇلتۇز بىلەن بېزىدى، يۈزلەرچە پىلانتلار بىلەن توشقۇزدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك تېز سۈرئەتتە ئايلانسىمۇ، ھەرگىزمۇ بىر - بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ.

 ئاللاھ شۇنداق ئېسىل ۋە چىرايلىق گۈل - چېچەكلەرنى ياراتتى. چوڭ - كىچىك، ئاز - كۆپ، كۆرۈنىدىغان - كۆرۈنمەيدىغان، قاتتىق - يۇمشاق بولۇپ كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتلارنى ئاللاھ ياراتتى. كىچىككىنە قۇرت - قوڭغۇزلار ۋە زېمىندا ئۆمىلەيدىغان چۆمۈلىلەر، گۈل - چېچەكلەردىن تاتلىق شىرنىلەرنى يىغىدىغان ھەسەل ھەرىلىرىنى ياراتتى. ئاللاھ ئاپلىسىن، گىلاس، ئالما، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل ۋە بانان قاتارلىق مېۋىلەرنى ياراتتى. بۇنداق تاتلىق مېۋىلەر زادى قەيەردىن كەلدى؟ ئەلۋەتتە، ئاللاھ ياراتتى.

ئاللاھ ھايۋانلارنى ياراتتى. چوپ چوڭ پىللار، سېمىز سۇ كالىلىرى، ھىلىگەر تۈلكىلەر، ۋەھشىي يولۋاسلار، ئۇزۇن زىراپىلەر، يۇمشاق تۈكلۈك توشقانلار، كۈچلۈك ئاتلار، كالىلار، قويلار.... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر نەرسىگە قادىر ئاللاھ ياراتتى.

ئاسماندا قاناتلىرىنى قېقىپ پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇدىغان گۈزەل قۇشلار، يېشىل شاتۇتىلار، ئاق رەڭلىك ئۆردەكلەر، بىزنى بامدات نامىزىغا چاقىرىدىغان ئاۋازى ياڭراق خورازلار، ناشتىلىقىمىزغا تۇخۇم چىقىرىپ بېرىدىغان توخۇلار... خوشال - خورام ئۇچۇشۇپ يۈرگەن قۇشقاچلار، مىڭلارچە رەڭلىك تۈكلىرى بىلەن ئۇسسۇل ئوينايدىغان توزلار، بېلىق تۇتىدىغان تۇرنىلار...

 زادى بۇ قۇشلارنى كىم ياراتتى؟ ئەلۋەتتە جىمى مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ئاللاھ ياراتتى. ئاللاھ چەكسىز ئوكيانلارنى ۋە زېمىننى سۇلىرى بىلەن قاپلاپ تۇرىدىغان دېڭىزلارنى ياراتتى. ئۇلاردىن چوڭقۇر كۆللەر ۋە ئۇزۇن دەريالارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئاللاھ دېڭىزدا غايەت زور مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. چوڭ - كىچىك بارلىق بېلىقلار، تاغدەك كىتلار، مۇزلار ئارىسىدا ياشايدىغان ئاق - قارا رەڭلىك پىنگۇۋېنلار، سېمىز تاتلىق بېلىقلار، يېقىملىق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىدىغان بېلىقلارنى ۋە چوڭ چىشلىرى بولغان رەھىمسىز ئاكۇلىلارنى ياراتتى.

ئاللاھ  قىسقۇچ پاقىلارنى، چوڭ دېڭىز يىلانلىرىنى، قۇلۇلىلەرنى، دېڭىزدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى ياراتتى. ئاللاھ بۇ مەخلۇقلارنىڭ ھاياتلىقىنى داۋملاشتۇرۇشى ئۈچۈن يامغۇرنى ۋە قۇياش نۇرىنى پەيدا قىلدى. سالقىن شامال يارىتىپ سۇ ۋە يامغۇر بىلەن تولغان كېزەر بۇلۇتلارنى بىزگە ئەۋەتتى.

 ئۇنداقتا، كائىناتتىكى جىمى گۈزەللىكلەرنى بىزگە تەقدىم قىلغان رەببىمىزگە ھەمدۇسانالارنى ئېيتىشىمىزغا، شۈكۈر قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ:

ئەي پۈتكۈل مەخلۇقلاتلارنى بىز ئۈچۈن ياراتقان چەكسىز مەرھەمەتلىك قۇدرەتلىك ئاللاھ! ساڭا مىڭ مەرتىۋە شۈكۈرلەر بولسۇن. مۇشۇنداق مىسلىسىز گۈزەللىكلەر بىلەن تولغان دۇنيانى ياراتقانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمدۇسانالار ئېيتىمىز!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر