سۈرە سەجدە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 44 (ئاۋازلىق)

سۈرە سەجدە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (44)

تۆۋەندە سۈرە سەجدەنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە لوقماننىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە سەجدەنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە سەجدە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى :

سۈرىنىڭ 15 ـ ئايىتىدە بايان قىلىنغان سەجدە ھەققىدىكى مەزمۇن ئۇنىڭ ئىسمى بولۇپ تاللانغان. 

 نازىل بولغان ۋاقتى :

سۈرىنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن نازىل بولغان ۋاقتى ئوتتۇرا مەككە دەۋرىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغاندەك مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى سۇرىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە كىيىنكى دەۋرلەردە نازىل بولغان سۈرىلەردە كۆرىنگىنىگە ئوخشاش كاپىرلارنىڭ زۇلۇم ـ سېتەملىرى ئۇنچە قاتتىق كۆرىنمەيدۇ.

مەزمۇنى :

سۈرىنىڭ مەزمۇنى كىشىلەرنىڭ تەۋھىد، ئاخىرەت ۋە پەيغەمبەرلىك ھەققىدىكى شەك ـ شۇبھىلىرىنى يوقۇتۇش ۋە بۇ 3 ھەقىقەت تەرەپكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مەككە كۇپپارلىرى ئۆز ـ ئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: «بۇ كىشى غەيرى ـ غەيرى گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ، كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ يۈرىيدۇ. ھېلى ئۆلۈمدىن كىيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ <توپراققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ يەنە تېرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن ھېساپقا تارتىلىسىلەر، دوزاق بولىدۇ، جەننەت بولىدۇ> دەپ يۈرسە، ھېلى <بۇ ئىلاھ، مەبۇت، كاتتا بۇزرىكلارنىڭ ھەممىسى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ، پەقەت بىرلا ئاللاھ ھەقىقىي مەبۇتتۇر> دەپ يۈرىدۇ. يەنە بەزىدە <مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ماڭا ئاسماندىن ۋەھىي كېلىدۇ، مەن سىلەرگە ئاڭلىتىۋاتقان بۇ سۆزلەر مىنىڭ ئەمەس، ئاللاھنىڭ كالامىدۇر> دەيدۇ. بۇ كىشى بىزگە ئەنە شۇنداق ئەپسانىلەرنى ئاڭلىتىپ يۈرىيدۇ» دەپ غۇلغۇلا قىلىشاتتى. كۇپپارلانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنىدۇ.

سۈرىدە كۇپپارلارغا جاۋابەن: «بۇ شەك ـ شۈبھىسىز ئاللاھنىڭلا كالامىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ بەرىكىتىدىن مەھرۇم، غەپلەتتە ياتقان قەۋمنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغانلىقى شۇنچە ئوچۇق ھەم ئېنىق تۇرسا، سىلەر قانداقسىگە ئۇنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟» دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە «بۇ قۇرئان سىلەرگە سۇنۇۋاتقان ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ، زادى قانداق غەيرى نەرسە بارلىقىنى تۈززۇك بىر ئويلۇشۇپ بېقىڭلار. ئاسمان ـ زېمىننىڭ ئىنتىزامىغا نەزەر سېلىڭلار. ئۆزىڭلارنىڭ تۈزىلىشىنى ۋە پەيدا بولىشىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭلار. قاراڭلاركى، ئەشۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ پەيغەمبەرنىڭ تىلى بىلەن قۇرئاندا بېرىلىۋاتقان تەلىماتلارنىڭ ھەقلىكىگە شاھىد ئەمەسمۇ؟ ئەجىبا كائىناتنىڭ ئىنتىزامى تەۋھىدگە دالالەت قىلىۋاتامدۇ ياكى شېرىكچىلىككىمۇ؟ بۇ پۈتۈن سىستېمىلىق ئىنتىزامغا ۋە ئۆزىڭلارنىڭ پەيدا قىلىنىشىڭلارغا نەزەر سالغاندىن كىيىنمۇ سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار ئەجىبا <ھەممىنى ياراتقان ئەشۇ ئاللاھ تائالا سىلەرنى كېيىن قايتا تېرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەس> دەپ گۇۋاھلىق بېرەمدۇ؟» دېيىلىدۇ. ئاندىن ئاخىرەتنى سۈرەتلەپ بېرىپ، ئىماننىڭ سەمەرىسى، كۇپىرلىقنىڭ نەتىجىسى ۋە يامان ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرگە ئەشۇ يامان ئاقىۋەت كېلىشتىن ئىلگىرى كۇپىرلىقنى تاشلاپ، قۇرئاننىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئاقىۋەتلىرىنى تۈزىتىۋېلىش تەرغىپ قىلىنىدۇ. ئاندىن يەنە «بۇ ئاللاھنىڭ كاتتا مەرھىمىتىدۇركى، ئىنسانلاردىن ئۆتىلگەن خاتالىققا ئاللاھ تائالا بىردىنلا ئاخىرىقى قارارىنى چىقىرىپ، ھەل قىلغۇچ ئازابقا مۇبتىلا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۈرۈش ۋە غەپلەتتىكى كۆزلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كىچىك تۈردىكى قىيىنچىلىق، مۇسىبەت، زىيان ئاپەتلەرنى ئەۋەتىدۇ. يېنىك ھالدا جازاغا تارتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئەگەر بۇ باشلانغۇچ ئازاپلار بىلەنلا ھۇشىنى تىپىۋالسا، ئۆزىگە ئەڭ ياخشىدۇر» دېيىلىدۇ.

ئارقىدىن يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بىرەر كىشىگە ئاللاھ تەرەپتىن كىتاب كەلگەنلىكى دۇنيادا  تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقان ئاجايىپ ۋەقە ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق مۇسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب كەلگەن ئىدى. شۇنداق ئىكەن، بۇ قانداقسىگە ياقا چىشلەپ كەتكۈدەك ئۇنچە ئاجايىپ ۋەقە بولسۇن؟ ئىشىنىڭلاركى، بۇ كىتاب ئاللاھ تەرىپدىنلا نازىل بولغان. بىلىۋېلىڭلاركى، ئەمدىلىكتە خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بولغاندەك ئىشلار بولىدۇ. رەھبەرلىك ۋە پىشىۋالىق مۇشۇ كىتابنى ئاللاھنىڭ كىتابى دەپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە نىسىپ بولىدۇ. بۇنى رەت قىلىدىغانلارنىڭ قىسمىتىگە مەغلۇبىيەت پۇتىلىدۇ»

*** ***** ** *** ******

سۈرىدە مەخسۇس مەككە كۇپپارلىغا قاراتقان ھالدا: «سىلەر تىجارەت سەپىرىڭلاردا، ئىلگىرىكى ھالاك قىلىنغان قەۋلەرنىڭ خارابىلىقلىرىدىن ئۆتكىچە شۇلارنىڭ كۆرگەن ئاقىۋەتلىرىگە نەزەر سېلىپ بېقىڭلار. ئەجىبا سېلەرمۇ ئۆزىڭلارغا ئەشۇنداق ئاقىۋەتنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق تاشقى مەنزىرىلەرگە ئالدىنىپ قالماڭلار. بۈگۈن سىلەر بىر قانچىلىغان ياشلار بىلەن ئازغىنە قۇللاردىن باشقىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايۋاتقانلىقىنى، ھەممە تەرەپتىن ئۇلارغا تەنە، مالامەت، تىل ـ ھاقارەت  يىغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. بۇنىڭغا قاراپ <تۆت كۈن ئېقىپ ئاندىن يوقىلىدىغان ئاقماس گەپ ئوخشايدۇ> دەپ چۈشىنىپ قىلىۋاتىسىلەر. ئەمما بۇ پەقەت نەزىرىڭلارنىڭ سىلەرنى ئالداپ قويىۋاتقانلىقىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئەجىبا سىلەر گۈل ـ گىياھسىز قاغجىراپ كەتكەن ۋە قوينىدا ئۆسۈملۇك خەزىنىلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بۈگۈن خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان بىر قۇرغاق زېمىننىڭ ئەتىگە يامغۇر چۈشىشى بىلەن تەڭلا ياشناپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەممە يېرىدىن ھاياتلىق قۇۋۋەتلىرى ئېتىلىپ چېقىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرمىگەنمىدىڭلار؟» دېيىلىدۇ.

سۆز ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: «بۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە سەندىن <بۇ ھەل قىلغۇچ غەلىبەڭلار سىلەرگە قاچان نىسىپ بولىدۇ؟ قېنى بىزگە ۋاقتىنى ئېيتىپ بېقىڭلار> دەپ سورىشىدۇ. ئۇلارغا: <ئاراڭلاردا ھەل قىلغۇچ قارار چىقىرىلغان چاغ كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئىشەنگىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ھېچ قانداق پايدا بەرمەيدۇ. ئىشەنسەڭلار ھازىرلا ئىشىنىڭلار، ئەگەر ئاخىرىقى چاغنى كۆتمەكچى بولساڭلار مەيلى كۈتۈپ ئولتۈرىۋېرىڭلار> دەپ قويغىن» دېيىلىدۇ.

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئىھزابىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر