سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (02)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 46 (ئاۋازلىق)

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (02)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (46)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئىھزابنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (02)

 

ئەھزاب غازىتى:

ئەھزاب غازىتى ئەسلىدە مەدىنىدىكى يېڭى شەكىللەنگەن ئىسلام كۈچىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئەرەب مۈشرىكلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان قەبىلىلىرى بىرلىكتە قوزغىغان ھۇجۇم ئۇرۇشى ئىدى. بۇ ھەركەتكە مەدىنىدىن قېچىپ خەيبەرگە يەرلەشكەن بەنى نەسىر قەبىلىسىنىڭ كاتىۋاشلىرى باشلامچىلىق قىلغان ئىدى. ئۇلار قۇرەيش، غەتەفان ۋە ھۇزەيل دېگەندەك نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشقان ھالدا مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا قايىل قىلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھېجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى نۇرغۇنلىغان ئەرەب قەبىلىرى بىرلىشىپ، كىچىككىنە مەدىنە رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەرەبلەردە ئىلگىرى بۇنچىلىك چوڭ بىرلىك سەپ قۇرۇلۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇلارغا شىمال تەرەپتىن بەنى نەسىر، بەنى قەينۇقا ۋە ئىلگىرى مەدىنىدىن قىچىپ، خەيبەر بىلەن ”ۋادىئۇل قۇرا“غا جايلاشقا يەھۇدىيلار قوشۇلدى. شەرىق تەرەپتىن غەتەفاننىڭ بەنۇ سۇلەيم، فەزارە، ئەشجە، سەئد ۋە ئەسەد قاتارلىق قەبىلىلىرى قوشۇلغان بولسا، جەنۇپ تەرەپتىن قۇرەيش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ ئومومىي سانى 10 مىڭغا يەتكەن ئىدى. ناۋادا بۇ ھۇجۈم تۇيۇخسىز بولغان بولسا، مۇسۇلمانلارلاغا نىسبەتەن تولىمۇ ھالاكەتلىك بولغان بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مەدىنىدە بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىستىخباراتچىلىرى ۋە ئىسلام ھەركىتىنىڭ قوللۇغۇچىلىرى ھەم كۆيۈنگۈچىلىرى پۈتۈن قەبىلىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت ئىدى. ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ ھەرىكەت، يۆنىلىشلىرىدىن ۋاقتى ۋاقتىدا خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇراتتى[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۆپ سانلىق دۈشمەن مەدىنىگە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئالتە كۈن ئىچىدە شەھەرنىڭ غەربى شىمال تەرىپىگە خەندەك قازدۈرۈپ بولدى ۋە سەلە تېغىنىڭ ئارقىدا ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇداپىئەگە تەييار تۇردى. مەدىنىنىڭ جەنۇب تەرىپى قويۇق ئورمانلىق بولۇپ، (ھازىرمۇ شۇنداق) ئۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغىلى بولمايتتى. شەرقى تەرىپىدە ”ھەررات“ (يەنى لاۋى چۇقىلىرى) مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيەردە كوللىكتىپ ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بېرىش ئاسان ئەمەس ئىدى. غەرىب ۋە جەنۇب تەرىپىمۇ شۇنداق ئىدى. شۇڭلاشقا ھۇجۇمنى پەقەت ئۇھۇدنىڭ شەرقى ۋە غەربى تەرىپىدىنلا (يەنى شەھەرنىڭ غەربى شىمال قىسمىدىنلا) قىلغىلى بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دەل شۇ تەرەپكە خەندەك كولىتىپ، شەھەرنى مۇداپىئەگە ئالدى. كۇپپارلارنىڭ ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىدە ”خەندەك بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىمىز“ دېگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئەرەب خەلقى بۇ خىل مۇداپىئە تاكتېكىسىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قىش پەسلىدە شۇنچە ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھېچ بىر تەييارلىقسىز شەھەرنى مۇھاسىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا دۇچ كەلدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە كۇپپارلارغا نىسبەتەن پەقەت بىرلا يول قالدى. ئۇ بولسىمۇ، مەدىنىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق يەھۇدىي قەبىلىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا ساتقۇنلۇق قىلىشقا ئۈندەش ئىدى. چۇنكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ـ ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى مەۋجۇت بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىنغان ھەر قانداق ئەھۋالدا، ئۇلارمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە مەدىنىنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۇلاردىن خاتىرىجەم بولۇپ، ئائىلە، بالا - چاقىلىلىرىنىمۇ بەنى قەرىزە تەرەپتىكى رايۇنلارغا ئەۋەتىپ قويغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ تەرەپنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىنمىغان ئىدى.

كۇپپارلار ئىسلامنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىنى مۆلچەرلەپ يەتكەندىن كىيىن، بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىگە بەنى نەسىر قەبىلىسىنىڭ يەھۇدى سەردارى ھۇيەي ئىبنى ئەختەبنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كېلىشىمنى بۇزۇپ جەڭگە قاتىنىشىشقا كۈندۈرمەكچى بولدى. دەسلەپتە ئۇلار تەكلىپنى رەت قىلىپ ئوچۇق ھالدا «بىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمدە تېخىچە ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرۈپ باققىنىمىز يوق» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. لېكىن ئىبنى ئەختەب ئۇلارغا «مەن ھازىر ئەشۇ بىر كىشىگە قارشى پۈتۈن ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھۇجۇمغا ئۆتتۇم. ناۋادا ئۇنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلايدىغان بۇنداق نادىر پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساڭلار، قايتا ھەرگىزمۇ بۇنداق پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىلەر» دېگەندە، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيارچە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك ئىددىيىسى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى ئالدىدا غالىپ كەلدى ۋە كېلىشىمنى بۇزۇپ تاشلاشقا تەييار بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. خەۋەر يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭلا دەرھال ئەنسار سەردارلىرىدىن سەئد ئىبنى ئۇبادە، سەئد ئىبنى مۇئاز، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە، خەۋۋات ئىبنى جۇبەير قاتارلىق ساھابىلەرنى ئەھۋال ئىگەللەپ، ئۇلارغا ئەستايىدىل چۈشۈندۈرۈش بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ھەمدە يولغا چىقىش ئالدىدا ئالاھىدە تاپىلاپ، «ئەگەر بەنى قۇرەيزە قەبىلىسى ئەھدىسىدە تۇرسا، ئىشنى پۈتۈن ئەسكەرلەرگە ئاشكارا ئىلان قىلىڭلار، ناۋادا ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلماقچى بولغان بولسا، پەقەت ماڭىلا خەۋەر قىلىڭلار، بۇ خەۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ جاسارىتىنى تۆۋەنلىتىپ قويمىسۇن» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇسۇلمان ھەيئىتى ئۇيەرگە يېتىپ بېرىپلا بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىنىڭ خىيانەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئۇچۇق قىلىپ، «لاىقد بيننا وبين مچمد ولاىھد» «بىز بىلەن مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق ئەھدۇ ـ پەيمان يوق» دېيىشتى. بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمالىق قىلىپ: «ىگل وقارھ» (يەنى، ”ئەزەلە” ۋە ”قارە“ قەبىلىسى ئىلگىرى ”رەجې“ دېگەن يەردە ئىسلام تەبلىغچىلەرىگە خىيانەتەت قىلغاندەك ئىشنى ئەمدىلىكتە بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىمۇ قىلماقچى ئىكەن) دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بۇ خەۋەر ئۇزۇنغا قالمايلا مەدىنە مۇسۇلمانلىرى ئىچىگە تارقاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىغىر دەرىجىدە ئىزتىراپ ياراتتى. چۈنكى ئەمدىلىكتە ئۇلار ئىككى تەرەپتىن تەڭلا قورشاۋغا ئېلىنغان ئىدى. يەنە كېلىپ، مەدىنىنىڭ مۇداپىئە ئۈچۈن ھېچ بىر ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ قىلىنمىغان قىسمى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە، بالا ـ چاقالارمۇ شۇ تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن مۇناپىقلارنىڭ ھەركىتىمۇ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ جاسارىتىگە سۇ قۇيۇش ئۈچۈن خىلمۇ - خىل پىسخىئولوگىيەلىك ھۇجۇملارنى قىلىشقا باشلىدى. تېخى بەزىلىرى: «ئېغىزىدىغۇ، قەيسەر ۋە كىسرالارنىڭ دۆلىتىنى فەتھىي قىلىشقا ۋەدە قىلىنغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە ھازىر ھاجەت ئۈچۈن تالاغا چىققۈدەكمۇ ھالىمىز يوق» دېيىشكە باشلىسا، يەنە بەزىلەر: «ئائىلىمىز خەتەر ئىچىدە قالغاندىكىن بىرىپ شۇلارنى قوغدىشىمىز كېرەك، شۇڭا  خەندەك ئۇرىشىدىن روخسەت سورايمىز» دەيدىغان يەرگە كەلدى. ھەتتا بەزى مۇناپىقلار: «دەرھال مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ، ھۇجۈم قىلغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋېتىڭلارنى ياخشىلىۋېلىڭلار» دەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئېغىر سىناق باسقۇچى بولغاچقا، قەلبىدە زەررىچە ماناپىقلىقنىڭ تەسىرى بولغان ھەممىلا ئادەمنىڭ ئەپتى ـ بەشىرىسى ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا ئىدى. پەقەت سادىق، ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئىمان ئەھلىلا پىداكارلىق بىلەن  قەتئىي ھالدا مەھكەم پۇت تىرەپ تۇردى. مانا شۇنداق نازۇك باسقۇچتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەتەفان قەبىلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە ماقۇلغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ ئومومىي مىۋە ـ چىۋە مەھسۇلاتىدىن ئۈچتەن بىرىنى بىرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈش نىيىتىگە كەلدى. ئەمما بۇ ئىشنى ئەنسارلار سەردارلىرىدىن سەئد ئىبنى ئۇبادە بىلەن سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەسلىھەت سالغاندا، ئۇلار: «يا رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز سېلىنىڭ ئۆز خاھىشىلىرىمۇ؟ ياكى قوبۇل قىلمىساق قەتئىي بولمايدىغان ئاللاھنىڭ ھۆكمىمۇ؟ ۋەياكى سىلى پەقەت بىزنى قۇغداپ قىلىش ئۈچۈنلا بۇ مەسلىھەتنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتاملا؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا: «مەن پەقەت سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتىمەن، چۈنكى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنكى، پۈتۈن ئەرەبلەر بىرلىشىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقتا. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىۋېتەيمىكى دەۋاتىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنىڭغا قارىتا ھەر ئىككى ساھابە بىردەك، «ئەگەر سىلى بىزنىڭ يۈزىمىزدىن بۇ كېلىشىمنى تۈزمەكچى بولغان بولسىلىرى، ئۇنداقتا ئۇنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۈرسىلا، چۈنكى بۇ قەبىلىلەر بىزدىن ھەتتا مۈشرىك چاغىمىزدىمۇ بىرەر تال بۇغداي چاغلىق سېلىق ئالالمايتتى. شۇنداق تۇرۇپ، ئەجىبا ئەمدىلىكتە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان چىغىمىزدا بىزدىن سېلىق ئالالارمۇ؟ ئەمدى تاكى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىغۇچە بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەتلا قىلىچ رول ئوينايدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن يېزىپ تەييارلانغان ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزاسى تېخى قويۇلمىغان كېلىشىمنامە دەرھال يىرتىپ تاشلاندى.

دەل شۇ پەيتتە غەتەفان قەبىلىسىنىڭ ئەشجەئ جەمەتىگە تەۋە نوئمان ئىبنى مەسئۇد ئىسىملىك بىر كىشى مۇسۇلمان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزورىغا كەلدى. ھەمدە: «مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن ھېچ كىشىنىڭ خەۋىرى يوق. مېنى سىلى خالىغانلا خىزمەتكە سالسىلىرى بولىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ دۈشمەنننىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا بىرەر چارە قوللانغىن»[2] دېدى. ئۇ ئالدى بىلەن بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىنىڭ يېنىغا باردى چۈنكى ئۇ باشتىنلا ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشاتتى. ئۇلارغا: «قۇرەيش بىلەن غەتەفان قەبىلىسى مۇھاسىرە قىلىپ يېتىۋېرىپ، ئاخىرى زېرىكىپ قايتىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن، چۈنكى ئۇلار ھېچ نەرسىنى زىيان تارتمايدۇ، ئەمما سىلەر مۇسۇلمانلار بىلەن يەنە مۇشۇ يەردە بىللە تۇرمىساڭلار بولمايدۇ. ناۋادا ئۇلار قايتىپ كەتسە، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار قانداق بولماقچى؟ مىنىڭچە، سىرىتتىكى ئەشۇ قەبىلىلەرنىڭ بىر قانچە موھىم ئادىمىي سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلمىغۇچە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جەڭگە قاتناشماسلىقىڭلار لازىم» دەپ مەسلىھەت بەردى. بۇ گەپ بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىنىڭ يۈرىگە ئاجايىپ ياقتى ۋە بىرلەشمە قەبىلىلەردىن گۆرۈگە ئادەم قويۇشنى تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدى. ئاندىن نۇئمان يەنە قۇرەيش ۋە غەتەفان قەبىلىلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرى يېنىغا باردى. ئۇلارغا: «بەنى قۇرىيزە بەل قويۇۋېتىپ بارغاندەك كۆرىنىۋاتىدۇ. بەلكى تېخى سىلەردىن گۆرۈگە ئادەم تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)گە تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى تاماملىۋېلىشىمۇ يېراق ئەمەس، شۇڭا ئۇلارغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم» دېدى. بۇ گەپ بىلەن بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قۇماندانى بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىگە نىسبەتەن سەل ئىككىلىنىپ قالدى ۋە دەرھال بەنى قۇرىيزە قەبىلسىسىنىڭ سەردارلىرىغا: «بىز مۇھاسىرە قىلىپ يېتىۋېرىپ زېرىكىپ كەتتۇق، ئەمدى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلماي بولمايدۇ، ئەتە بىز بۇ تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىساق، سىلەر ئۇ تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا ھەممىمىز بىراقلا ھۇجۇم باشلايلى» دەپ سۆز يوللىدى. بەنى قۇرىيزە قەبىلىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: «سىلەر موھىم ئادەملىرىڭلاردىن بىرقانچىنى بىزگە گۆرۈگە قويمىغۇچە بىز ئۇرۇش خەتىرىگە ئۆزىمىزنى ئاتالمايمىز» دەپ سۆز يوللىدى. شۇنىڭ بىرلەشمە ئارمىيە نۆئماننىڭ سۆزى ھەقىقەتەن راس ئىكەن دەپ رەسمىي ئىشەندى ۋە گۆرۈگە ئادەم قويۇشنى رەت قىلدى. بۇنى كۆرگەن بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىمۇ «نۆئمان راستىنلا ناھايىتى توغرا مەسلىھەت بېرىپتىكەن»  دەپ ئويلاشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۇرۇش ھېلىسى ئىنتايىن مۇۋەپپىقەتلىك ھالدا دۈشمەننىڭ بىرلىكىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئەمدىلىكتە مۇھاسىرە داۋام قىلىۋاتقىنى 25 كۈندىن ئاشقان ئىدى. سوغۇق قىش پەسلى بولغاچقا ئۇنچە نۇرغۇن ئەسكەرلەرگە سۇ يېمەك، ئۇلاغلارغا ئوزۇق ھەل قىلىش ھەقىقەتەن قېيىنغا توختاپ قالماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇزۇلىشى ئۇلارنىڭ ھېممىتىگە سوغۇق سۇ سەپكەن ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە بىر كېچىسى تۇيۇخسىز قاتتىق شىۋىرغان چىقىپ كەتتى. ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چىقىپ، ئەتراپنى شۇنداق قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتتىكى، ھەتتا ئۆز قولىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. شىۋىرغاننىڭ قاتتىقلىقى تۇپەيلى دۈشمەنلەرنىڭ چىدىرلىرىمۇ ئۇچۇپ كېتىشكە باشلىدى. پۈتۈن دۈشمەنلەر قورقۇنچتىن ئۆرە ـ توپا بولۇشۇپ كېتىشتى. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئەجەللىك رەزبىسىگە بەردەشلىق بېرەلمەي، كىچىنى كېچە دېمەستىن ئۇدۇل ئۆيلىرىگە تېكىۋېتىشتى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا، مۇسۇلمانلار قارىسا، مەيداندا بىرمۇ دۈشمەن قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرگەندە: «لن تغزوكم قريش بىد ىامكم ھۇا ولكنكم تغزونھم» «ئەمدى قۇرەيش سىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېلەلمەيدۇ، سىلەر ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ بارىسىلەر» دېدى. بۇ ۋەزىيەتكە قارىتىلغان ئىنتايىن توغرا يەكۈن بولۇپ، يالغۇز قۇرەيشلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۇزىرلىرىنى مۇشۇ قېتىم دوغا تېكىپ بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش جۈرئىتى قالمىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، (Offensive) ھۇجۇم كۈچى دۈشمەنلەردىن مۇسۇلمانلار تەرەپكە يۆتكىلىپ بولغان ئىدى. 

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەھزابنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1] - بۇ دەل نەزرىيىۋىي ھەرىكەتنىڭ مىللەتپەرەسلىك گۇرۇھۋازلىق ھەرىكىتىگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئۈستۇن تۇرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى ئىدى. چۈنكى مىللەتپەرەسلىك ۋە گورۇھۋازلىق ئۆز قەۋمىنىڭلا يارىدىمى بىلەن قوللىشىغا تايىنىدۇ. ئەمما نەزرىيىۋىي، ئىددىيىۋىي ھەرىكەت بولسا، ھەممە تەرەپكە تەڭ يېيىلىپ، ھەتتا دۈشمەننىڭ ئىچىدىنمۇ ئۆز قوللۇغۇچىلىرىنى مەيدانغا چىقىرىشقا باشلايدۇ.

[2] - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام «ئۇرۇش دېگەن ھېلە» دېگەن سۆزنى دەل مۇشۇ پەيتتە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر