سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (03)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 47 (ئاۋازلىق)

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (03)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (47)

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (03)

 

بەنى قۇرىيزە غازىتى: 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەكتىن قايتىپ تۇرىشىغا پىشىن ۋاقتى بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھازىرچە قۇرالنى يەشمەي، ئالدى بىلەن بەنى قۇرىيزەنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقى ھەققىدە ھۆكۈم ئېلىپ كەلدى. بۇ ھۆكۈمنى تاپشۇرۇپ ئالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ھامان «كىمكى ئاڭلاپلا ئىتائەت قىلىشتا مەھكەم تۇرىدىكەن، ئەسىر نامىزىنى بەنىي قۇرىيزە قەبىلىسىگە يېتىپ بارماي تۇرۇپ ئوقۇمىسۇن» دەپ ئىلان قىلدى. ئارقىدىنلا بەنى قۇرىيزە قەبىلىسىگە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇشۇن ئەۋەتتى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېتىپ بارغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئۆگزىلىرىگە چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بولۇشىغا ھاقارەت ياغدۈرغىلى تۇردى. ئەمما ئۇلار نەخ ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىلدە كېلىشىمنى بۇزۇپ، تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن مەدىنىنى ھالاكەتلىك خەتەرگە مۇبتىلا قىلغان جىنايىتىدىن ئۇنداق سېسىق گەپلەر بىلەن قانداقمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلىسۇن؟ دەسلەپتە ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى قوشۇننى كۆرگەندە، «بۇ بىر قۇرۇق پوپوزا بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى پۈتۈن ئىسلام قوشۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن رايۇنىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى كۆرگەندە بولسا، ئەس ـ ھۇشىنى يوقۇتۇپلا قويدى. ئۇلار ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ مۇھاسىرىنىڭ شىددىتىگە ئىككى، ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئاخىرى «ئەۋس قەبىلىسىنىڭ سەردارى سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قانداق قارار چىقارسا، ھەر ئىككى تەرەپ  شۇنىڭغا ماقۇل بولىشى كىرەك» دېگەن شەرتنى قويۇپ تەسلىم بولدى. ئۇلارنىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇ قەدەر ئۈمۈتلىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ، «بەنى قۇرىيزە قەبىلىسى بىلەن ئەۋس قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتتىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ كەڭچىللىك قىلىدۇ، ھېچ بولمىغاندا خۇددى قەينۇقا قەبىلىسى بىلەن بەنى نەزىر قەبىلىسىگە رۇخسەت قىلغاندەك بىزنىڭمۇ چىقىپ كېتىشىمىزگە رۇخسەت قىلىدۇ» دېگەن ئويدا بولغانلىقىدىن ئىدى. ھەتتا ئەۋس قەبىلىسىدىكى كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان بەنى نەزىر قەبىلىسىگە قارىتا سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇمشاقراق قارار چىقىرىپ بېرىشىنى تەقەززا قىلىشماقتا ئىدى. ئەمما سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئىلگىرى مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت بېرىلگەن يەھۇدىليارنىڭ قانداقلارچە پۈتۈن باشقا قەبىلىلەرنى تۇپلاپ، ئون ئىككى مىڭغا يېقىن ئەسكەر بىلەن مەدىنىگە باستۇرۇپ كېلىشتەك شۇملۇقلارنى قىلغانلىقىنى تېخى بايىلا كۆرگەن ئىدى. مەدىنىدىكى بۇ ئاخىرقى يەھۇدىيلار قەبىلىسىنىڭمۇ دەل ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ مەدىنىنى ھالاك قىلىشنىڭ يولىنى ئاچماقچى بولغانلىقىنىمۇ كۆرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئولتۈرماستىنلا «بەنى قۇرىيزەنىڭ پۈتۈن ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئايال، بالىلىرىنى قۇل قىلىش لازىم. ئۇلارنىڭ پۈتۈن مال ـ مۇلكى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىنىشى لازىم» دېگەن قارارنى چىقاردى. بۇ قارار ئەمەلىيلەشتۇرۇلۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە، بۇ خائىنلارنىڭ ئىھزاب ئۇرۇشىغا چىقىش ئۈچۈن 1500 قىلىچ، 300 ساۋۇت، 2000 نەيزە، 1500 قالقان تەييارلاپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى. ناۋادا مۇشۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ يارىدەم نۇسرىتى ۋاقتىدا يار بولمىغان بولسا ۋە بۇ بارلىق قۇراللار مەدىنىگە ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسا، ئالدى تەرەپتىن بىرلا ھۇجۇم بىلەن خەندەكتىن ئۆتۈش ھازىرلىقىنى قىلىۋاتقان دۈشمەنلەر بىراقلا ھۇجۇم قىلغان بولاتتى. بۇ سۈيقەست ئاشكارىلىنىپ مەيدانغا چىققاندىن كىيىن سەئد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرا قارار چىقارغانلىقىغا قارىتا ھېچ كىشىنىڭ قەلبىدە قىلچە شەك ـ شۇبھە قالمىدى.

**** *** *** **** **** ****

جەمئىيەت ئىسلاھاتى:

ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن ئىھزاب ئۇرۇشىغا قەدەر بولغان ئىككى يىل گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پۈتۈن ساھابىلەرگە نىسبەتەن بىردەممۇ خاتىرجەملىك نىسىپ بولمىغان جىددىچىلىك جەريانى بولۇپ ھېساپلانسىمۇ، يەنىلا بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭى بىر ئىسلام ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش ھەركىتى داۋام قىلىۋەردى. مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھ، تالاق قانۇنلىرىمۇ ئومومەن مۇشۇ جەرياندا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، مىراس قانۇنى بەلگىلەندى. ھاراق ۋە قىمار ھارام قىلىندى. تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت قاتارالىق باشقا نۇرغۇن ساھالەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ”تبنيت“ يەنى، بېقىۋىلىنغان پەرزەنت مەسىلىسى ئىسلاھ قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىۋاتقان موھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ئىدى. چۈنكى ئەرەبلەر بېقىۋىلىنغان پەرزتنىمۇ «ئۆز ئوغلىدەك ھەق ـ ھوقوققا ئىگە» دەپ قارايتى. ئۇلارمۇ مىراسخۇرلۇققا تەڭ ھەقلىق بولاتتى. ھەتتا ئائىلىدىكى مەنىۋىي ئانا ۋە مەنىۋىي ھەمشىرىلەردىن ئىبارەت ئەسلى ئەزالىرى بىلەنمۇ خۇددى ھەقىقىي ئوغۇل ياكى قىرىنداشتەك پەردىسىز قويۇق مۇئامىلىدە بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەنىۋىي ئاتىنىڭ قىزلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بىلەن ياكى ئاتا ئۆلگەندىن كىيىن ئايالى بىلەن ئاسراندى ئوغۇلنىڭ نىكاھلىنىشىمۇ خۇددى ھەقىقىي ئوغۇلنىڭ ئۆز ئانىسى ۋە ھەمشىرىسى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارام ھېساپلانغا ئوخشاش ھارام ھېساپلىناتتى. ناۋادا ئاسراندى ئوغۇل ئايالىنى تالاق قىلسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئايالى مەنىۋىي ئاتىسىغا نىسبەتەن: «خۇددى ئۆز كېلىنىگە ئوخشاش ئورۇندا» دەپ قارىلاتتى. بۇ خىل ئۆرپ ـ ئادەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە نىسادا بايان قىلغان مىراس، نىكاھ، تالاق قانۇنلىرىغا زىت كېلەتتى. چۈنكى ئىلاھىي قانۇننىڭ رۇھى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۈر ئۆرپ ـ ئادەتلەر ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ۋارىسنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى ھەقدار بولمىغان ئىككىنچى بىرسىگە يۇلۇپ ئېلىپ بەرگەنلىك بولاتتى. ئىلاھىي قانۇنغا كۆرە نىكاھلىنىشى ھالال قىلىنغان ئەر، ئاياللارنى بىر ـ بىرىگە ھارام قىلىپ قوياتتى. بولۇپمۇ ئىسلام دىنى قەتئىي يوقۇتۇشنى خالايدىغان ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ كېڭىيىشىگە بۇ خىل ئادەتلەر سەۋەپچى بولاتتى. چۈنكى ئاغزاكى ئاتالمىش تۇققانچىلىققا مەيلى ھەرقانچە مۇقەددەسلىكتىن چاپان كەيدۈرگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا مەنىۋىي قىز، مەنىۋىي ئانا، مەنىۋىي ھەمشىرىلەرنى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئانا، ھەقىقىي پەزرەتلەرگە ئايلاندۈرۈپ قويالمايتتى. بۇ ساختا تۇققانچىلىقنىڭ ئەنئەنىۋىي مۇقەدەسلىكىگە ئىشىنىش تۇپەيلى ئەر ـ ئاياللار ئوتتۇرىسىدا خۇددى ھەقىقىي ئۇرۇق تۇققانلارنىڭكىگە ئوخشاش پەردىسىز قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلسا، ھەرخىل يامان نەتىجىلەرنى پەيدا قىلماي قويمايتتى. مانا بۇ سەۋەپلەر تۇپەيلى ئىسلامنىڭ نىكاھ، تالاق، مىراس قانۇنى بىلەن زىنا قانۇنى بېقىۋىلىنغان ئۇغۇلنى ”ھەقىقىي ئوغۇل“ دەپ چۈشۈنۈشتەك بۇنداق تەسەۋۋۇرنىڭ قەتئىي ھالدا بېكار قېلىنىپ تاشلىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا ئىدى. ئەمما پەقەتلا قانۇنى ھۆكۈم ئورنىدا «بىقىۋىلىنغان پەرزەنت ھەقىقىي تۇققان ئەمەس» دەپ قويۇش بىلەنلا بۇ تەسەۋۋۇرنى ئاسانلىقچە بېكار قىلىۋەتكىلى بولمايتى. چۈنكى ئەسىرلەردىن بىرى بېكىپ كەتكەن خۇراپى ئەنئەنە، ئەسىبىيەتلەرنى قانداقتۇر بىر ئىككى ئېغىز سۆزگە تايىنىپلا يوقاتقىلى بولمايتتى. ناۋادا ئۇنىڭ ھەقىقىي تۇققان ئەمەسلىكىنى كىشىلەر ھۆكمەن ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەمما مەنىۋىي ئانا بىلەن مەنىۋىي ئانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاتالمىش قىرىنداش بىلەن ئاتالمىش ھەمشىرە ئوتتۇرىسىدا، ئاتالمىش ئاتا بىلەن ئاتالمىش قىز ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاتالمىش قېينىئاتا بىلەن ئاتالمىش كېلىن ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىشنىڭ بولىشىنى كىشىلەر يىرگىنىشلىك ئىش قاتارىدا بىلىپ كېتىۋېرەتتى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەردىسىز مۇناسىۋەتلەرنىڭ قالدۇقلىرىمۇ داۋاملىشىۋېرەتتى. شۇڭلاشقا بۇ ئەنئەنىنى ئەمەلىي بىر شەكىلدە پاچاقلاپ تاشلاش لازىم ئىدى. يەنە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئۆزى پاچاقلاپ ئۈلگە يارىتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر ئىشنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بىنائەن ئالدى بىلەن ئۆزى ئىجرا قىلسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئۇ ئىشقا قارىتا قىلچىمۇ يىرگىنىش تەسەۋۋۇرى قالمايتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىھزاب ئۇرۇشىدىن سەللا ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت قىلىپ، ئۇنى ئاسراندى ئوغلى زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تالاق قىلغان ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا بۇيرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھۆكۈمنى دەل بەنى قۇرەيزە قەبىلىسى مۇھاسىرە قىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە ئەمەلگە ئاشۇردى. (ھۆكۈمنىڭ كېچىكىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىدىكى سەۋەپ، ئىددەت تۇشۇشىنى كۈتكەنلىكتىن ۋە شۇ جەرياندا ئۇرۇش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتكەنلىكتىن بولغان بولۇش ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن)

**** ******* ****** ******

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەھزابنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر