يېڭى دۇنيادا چېگرا تالاش-تارتىشلىرى

ئەردال شىمشەك « يېڭى دۇنيادا چېگرا تالاش-تارتىشلىرى » سەرلەۋھىلىك ماقالەسى

يېڭى دۇنيادا چېگرا  تالاش-تارتىشلىرى

يېڭى دۇنيادا چېگرا تالاش-تارتىشلىرى

چېخ ۋە سىلوۋاكىيە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇدانغا ئوخشاش بىر نەچچە دۆلەتتىن باشقا پۈتكۈل دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى كەسكىن توقۇنۇشلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار ۋە كۈرەشلەر نەتىجىسىدە سىزىلغانىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى قان بىلەن سىزىلغانىدى.

ئۇنداقتا بۇ ئىشقا بۇنچىۋېلا قان تۆكۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ مەسىلىگە نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا ھاجىتى يوق. دۆلەت ئۇقۇمى غەربتە 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولسا، شەرقتە مىڭلارچە يىل ئىستېمال قىلىنىپ كەلدى. تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىي مەنبەلىرىدە دۆلەت ئۇقۇمى توغرۇلۇق نۇرغۇن ئۇچۇر-مەلۇمات مەۋجۇت.

غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرا ئەسىرگىچە دۆلەت ئۇقۇمى يوق ئىدى، سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقى زېمىن ئىگىدارچىلىقىنى ئاساس قىلاتتى. بۇ مەزگىللەردە دۆلەت زېمىن ۋە يەر مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « tenv » ياكى « te/ra » سۆزلىرى بىلەن ئىپادە قىلىناتتى، بۇ يەردە دۆلەت ئۇقۇمى مۇئەييەن توپلۇقنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تەشكىللىنىش قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. ئىتالىيەدىن كېيىن ئاستا-ئاستا باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە بۇ ئۇقۇم ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 15-ئەسىردە غەرب دۇنياسى سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى «دۆلەت»ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ھالغا كەلدى. شەرقتە دۆلەت دەسلەپ نوپۇز ۋە تېرروتورىيە جەھەتتىن كېڭىيىپ ئارقىدىن ئىمپېرىيەگە ئايلىنىدىغان بولسا، غەرب دۇنياسىدا چېگرالار داۋاملىق قان بىلەن بويىلىپ تۇراتتى، شۇڭا دۆلەت ئۇقۇمى بۇنچىلىك قانلىق بولغان غەرب دۇنياسىدا پەيدا بولغان ئوتوپىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە كېلەچەك پارلاق بولماستىن دەل ئەكسىچە تولىمۇ زۇلمەتلىكتۇر.

غەرب دۇنياسىدا ئەدەبىياتتىن سىياسەت كىتابلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى كىتابلاردا كېلەچەك تولىمۇ قاراڭغۇ ۋە رەزىل تەسۋىرلىنىدۇ. ئوتوپىيەنىڭ زىتى بولغان بۇ زۇلمەتلىك كېلەچەكنىڭ نامى دىستوپىيە بولۇپ، بۇ نام بېرىلگەن بارلىق كىتابلار كىشىنى ھەقىقەتەن ۋەھىمىگە سالىدۇ.

فۇكۇيامادىن بىرېزىنسكى ۋە سوروسقىچە بولغان بارلىق سىياسەت نەزىرىيەچىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت نەزەرىيەلىرى قان ئۈستىگە قۇرۇلغان چېگرالار چۈشەنچىسىگە تايىنىدۇ. بۇ چېگرالار يەنە قان بىلەن پارچىلىنىدۇ، كەينىدىن يەنە قان بىلەن قايتىدىن يېڭى چېگرالار بەرپا بولىدۇ، غەربنىڭ سىياسىي كېلەچەكتىكى چېگرا سانلىرى جۇغراپىيە، كۈلتۈر ياكى سىياسىي تەسىرلەر بىلەن ئەمەس قان تۆكۈلۈپ كۆپىيىدۇ. غەربلىك دىستوپيىيەچىلەر  گويا كەلگۈسىگە ئائىت سىياسەت نەزەرىيەلىرىدىن ئىلھام ئالغاندەك ۋەھىمىلىك ۋە قورقۇنچتۇر. غەربنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى «چوقۇنۇش»قا مۇناسىۋەتلىك رومانلارغا، كىتابلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىنساننىڭ يارىلىش تەبىئىتىگە مۇۋاپىق ئادەم ئوبرازىنى ئەمەس زۇلمەتلىك كېلەچەك ئالدىدا روھىي دۇنياسى ئازغۇنلاشقان ئىنسان ئوبرازىنى ئۇچرىتىمىز. يېۋگېني زامياتىننىڭ «بىز»، ھوگ ھوۋېينىڭ «سىلو»، پاۋلو باكىگالۇپىنىڭ «قۇرما قىز»، گ ۋېللىسنىڭ «خوجايىن ئويغىنىۋاتىدۇ»، جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ۋە «ھايۋانلار قورۇقى»، رەد بىرادبۇرىينىڭ «فاھرەنھېيت 451»، ئادلوس ھۇسلېينىڭ «جەسۇر يېڭى دۇنيا»ناملىق ئەسەرلىرىدە  زۇلمەتلىك كېلەچەكتىكى دۇنيالار تەسۋىرلىنىدۇ، بۇ تەسۋىرلەر ھازىردىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭىپ بولدى. زۇلمەتلىك كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەسەرلەر تۈرتكىسىدە ئىنسان يارىتىلىش تەبىئىتىدىن قەدەممۇ قەدەم يىراقلاشماقتا.

كۈنىمىزدە دۇنيانى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ كېلەچەك دۇنيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان ئورگانلىرىنىڭ  بارلىق خادىملىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىدىن بىرى دىستوپيىيەلەرنىڭ ھەم ئەدەبىي ھەمدە سىياسىي  تېكىستلىرىنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى يازالايدىغان مۇرىت ۋە ئىخلاسمەنلىرىنىڭ بار بولۇشىدۇر.

دېموكراتىيەلىك تۈزۈملەردە خەلق سىياسىي تۈزۈملەرنى قانچىلىك ئۆزگەرتىشتىن قەتئىينەزەر، دۆلەتتىن ھالقىغان چوڭ ئورگانلار خەلقنىڭ سىياسىي كۈچىگە توسالغۇ بولىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشسە بۇنى تىزگىنلەشكە تىرىشىدۇ، ئامېرىكىدا بۇنىڭغا مىسالىغا شاھىت بولدۇق.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز دۇنياغا ئەمەس ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىمىز، ھەربىي چىقىملار ۋە دۇنيادىكى ھەربىي بازىلىرىمىزنىڭ سانىنى قىسقارتىمىز.»

بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىغان تىرامپ Twitterئادرېسىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرغانلىقىنى يازغانىدى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئەپسۇس، ترامپ ھاكمىيەت بېشىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كونا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي شوئارلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. ھەتتا ئوبامانىمۇ بېسىپ چۈشۈپ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بولۇپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇردى.

ئوبامانىڭ ۋېنېزۇئېلا سىياسىتى ترامپ دەۋرىدە ئوخشاش تەرىقىدە داۋاملاشتى، غەلىتە يېرى شۇكى، يېڭى دۇنيا تەرتىپى تېڭىۋاتقان چېگرىلارنى ئۆزگەرتىش دولقۇنىغا ۋېنېزۇئېلادىن باشقا تۈركىيەمۇ قارشى چىقماقتا. بىرى شەرقنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى، يەنە بىر لاتىن ئامېرىكىنىڭ مىستىك كۈلتۈرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. لاتىن كۈلتۈرىنىڭ ئىنسان چۈشەنچىسى شەرق كۈلتۈرىدىكى ئىنسان چۈشەنچىسىگە يېقىن بولۇشى يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ چېگرا ئۆزگەرتىش دولقۇنىغا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدىن تاساددىپىي ئەمەس. ئەپسۇس، ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەتكە ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە تاكتىكلار بىلەن بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، تۈركىيەگە قارشى قانۇنىي دەلىل-ئىسپاتلار ۋە مەنتىقىدىن خالىي پۈتۈنلەي سىياسىي كۈرەشنىڭ ۋاستىسى بولغان رىزا زارراب دېلوسى ئامېرىكىنىڭ بېسىملىرىنىڭ ئاددىغىنە مىساللىرىدىن بىرى، خالاس.

يېڭى دۇنيا تەرتىپى بىزگە قان بىلەن ھەل بولىدىغان چېگرالارنى تاڭماقتا، بىراق بۇ بېسىملار ئالدىدا ھەرگىز تېز پۈكمەيمىز، چۈنكى «شەرق»نىڭ كۈلتۈرى تولىمۇ قەدىمىدۇر، شەرق  كۈلتۈرى يېتىپ بارغان جايدا شۇ جاينىڭ كۈلتۈرىنى بېيىتىدۇ، لېكىن غەرب كۈلتۈرى بولسا شۇ جاينىڭ كۈلتۈرىنى بىتچىت قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن شەرقنىڭ چېگرالىرى تولىمۇ قەدىمىدۇر. غەربلىكلەر تاجاۋۇز قىلمىغان شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ چېگرالىرىنىڭ تارىخىنىڭ يۈزلەرچە يىل بولۇشى تاساددىپىي ئەمەس، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تارىخى نەچچە مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ چېگرالىرىمىزدا ئەلۋەتتە ئۇرۇش يۈز بەردى، لېكىن چېگرالىرىمىز جۇغراپىيە، ئىنسان ۋە كۈلتۈر تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. بۇ سەۋەبتىن غەربنىڭ سۈرىيەدە، ئوتتۇرا شەرقتە تېڭىۋاتقان قانلىق چېگرا لايىھەلىرىگە قارشى تۇرساق، بۇ كۈچلەرنىڭ پىلانلىرىنى بۇزۇۋىتەلمەيمىز، بىز ئىرپان ۋە كۈچلۈك روھىمىز بىلەن بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر