2017-يىلدىكى بۆھرانلار 2018--يىلىغا مىراس قالامدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى.

2017-يىلدىكى بۆھرانلار 2018--يىلىغا مىراس قالامدۇ؟

2017-يىلدىكى بۆھرانلار 2018--يىلىغا مىراس قالامدۇ؟

2017-يىلى ئاخىرلاشتى، دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشلار، توقۇنۇشلار، سىياسىي كىرىزىسلەر، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، تەبىئىي ئاپەتلەر، بىر قىسىم مەزلۇملارنىڭ  ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەسى قاتارلىقلار 2017-يىلىمۇ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا سۈرىيەدە 6 يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي-ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە يۇرت-ماكانىلىرىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار، شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە جازالىشىغا پىسەنتمۇ قىلماي يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشلىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى، ۋېنېزۇئېلادىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلار، جەنۇبىي كورېيەدىكى سىياسىي نوپۇز سەتچىلىكى، تۈركىيەدىكى رېينا قەتلىئامى، خىتايدا چاقىرىلغان  خىتاي كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى، خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا سۈركىلىشى ، گوللاندىيەدە كەسكىن ئۆتكەن سايلام رىقابىتى، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى يادرو كىرىزىسى قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ خەلقئارانىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن ئىدى.  يەنە پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سىند ئۆلكىسىدىكى سەھۋان شەھىرىە سوپى ئالىملىرىدىن لال شەھباز قەلەندەر مەقبەرەسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىراقلا 80 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئەنگلىيە لىزبون ئەھدىنامىسنىڭ 50-ماددىسى بويىچە ئىش تۇتۇپ 44 يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. پارس قولتۇقىدىكى بەش دۆلەت تۇيۇقسىزلا قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنى پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئەنگلىيە، ئالجىرىيە، كوسوۋا ئالبانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي يېڭى يىپەك يولى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ناسا)نىڭ كەپلەر ئالەم تېلېسكوبى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا جانلىق بولۇش ئېھتىمالى بولغان يەر شارىنىڭ چوڭلىقىدا 10 پىلانېتا بايقىدى. كولۇمبىيەدە 52 يىللىق ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى، مېكسىكىدا يەر تەۋرەپ 462 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىراق فىدراتىپ مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەكسىچە ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى (خەلق رايىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى) ئۆتكۈزدى.

ئىسپانىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقلىرىنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەردى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 13-دېكابىردا تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا ئىستانبۇلدا  چاقىرىلغان ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي قۇددۇسنى كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان ئىستانبۇل خىتابنامىسىنى ئورتاق ئىمزالىدى.  لېكىن  دەۋرىمىزدە پەن-تېخنىكا شۇنچىلىك تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئەكسىچە بەزى خەلقلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەت  خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالمىدى.  

يۇقىرىدا خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن سەلبىي ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈق، ئەلۋەتتە بىر قىسىم دۆلەت، مىللەت ياكى رايون ئۈچۈن خوشاللىنارلىق ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يۇقىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن 2017-يىلنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋە ئارزۇ قىلىنغىنىدەك ئۆتمىگەنلىكىنى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇش، كىرىزىس، سۈركىلىش، زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك،  ئىجتىمائىي،سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بۆھرانلار ۋە ئۇرۇشلار بىلەن ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بەزى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ دېگىنىدەك  ھازىرقى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە سىستېمىلاردا مەسىلە بارمۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،كىرىزىس بۇ تۈزۈم ۋە سىستېمىلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىمۇ؟ ياكى بۇ ناچار ھادىسىلەرنىڭ تۈزۈم ياكى سىستېمىلار بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ؟ 2017-يىلدىكى بۇ ھادىسىلەر 2018-يىلغا مىراس قالامدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر