تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان تاشقى سىياسەتلىرى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان تاشقى سىياسەتلىرى

تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان تاشقى سىياسەتلىرى

غەرب مەركەزلىك دۇنيا نىزامى ئاجىزلاشماقتا، ھەتتا بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا، لېكىن بۇ نىزام ياكى سىستېمىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر نىزام ياكى سىستېما دەسسىيەلمەيۋاتقان تولىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز.  بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى «شالغۇت دەۋىر ياكى خېچىر دەۋىر»دەپ ئاتىساق خاتالىشمىغان بولىمىز.  كىرىزىس ۋە بۆھرانلارغا تولغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۈركىيە ھەم تەھدىتلەرگە ھەمدە پۇرسەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. تۈركىيە ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان دەۋىرگە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئەھۋالىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ. بۇ نۇقتىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە زىيارىتى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقى نۇقتىسىدىن مۇھىم ۋە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق  مۇساپىسى رېفېراندۇم (خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى) جەريانىدا گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان قوش بېسلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ئاقساپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنى توختىتىپ قويۇش تەلىپىنى ياۋروپا كومىتېتى رەت قىلسىمۇ، بۇ  ئەھۋال مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پىرېزىدېنت ماركون ھەم فىرانسىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئەزالىق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلىشتەك ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، تۈركىيەگە ئەزالىق ئورنىغا شىرىكچىلىك سالاھىيىتى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ 2016-يىلدىكى 15-ئىيۇلدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يىرىكلىشىپ كەتتى، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇشىنى باھانە قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە گېرمانىيەگە قارىغاندا يېقىنراق تۇرىدىغان فىرانسىيەنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ئاشقۇن مىللەتچى سىياسىي ئېقىملار، ئىقتىسادىي بۆھرانلار ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن يېڭى ئەندىزە پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرئېل ئەنگلىيە ئەندىزىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنمۇ تەدبىق قىلىنىش تەكلىپىنى بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە نۇقتىسىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە زىيارىتىنى مۇھىم قىلغان مۇنداق ئىككى ئىش بار بولۇپ، بىرسى سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ كۆپىيىشى، ئىككىنچىسى بولسا مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىدۇر.

پ ك ك- ي پ  گ مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئىختىلاپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېلان قىلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ يىرىكلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ تۈركىيە باشچىلىقىدا ب د ت دا ئامېرىكىغا قارشى قارار چىقىرىلىشى مۇناسىۋەتلەرنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە بۇزۇۋەتتى. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يىرىكلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، تۈركىيە تاشقى سىياسەتتە غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىدى. گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدەك بولمىغان تۈركىيە فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارالىق كۈچلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭ سىياسەت يولغا قويۇش ئارقىلىق دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوغداشقا تىرىشماقتا. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىشى نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ نوپۇزى تېخىمۇ ئاشتى. فىرانسىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راتسىيوناللىق ئاساسىدا كۈچەيتىش لازىملىقىنى ياقلاپ كەلمەكتە. گېرمانىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكچىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىللەردە تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيىشى تۈركىيە نۇقتىسىدىن يېڭىچە تاللاش يولى ھېسابلىنىدۇ.

ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە زىيارىتىنى ئەھمىيەتلىك قىلغان يەنە بىر ئىش مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئورنتىلغان ھەمكارلىق كېلىشىمىدۇر. ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى بىلەن تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپىلىق ھاۋا ۋە راكېتامىيوت مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھەسى ب تىپلىق كېلىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماركوننىڭ ھۇزۇرىدا ئىمزالاندى. ئىتالىيەمۇ شىرىك بولغان ھاۋا ۋە راكېتامىيوت مۇداپىئە سىستېمىسى لايىھەسى تۈركىيە نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق ھاۋا ۋە راكېتامىيوت مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تاماملىغان تۈركىيە، ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەنمۇ ھاۋا ۋە راكېتامىيوت سىستېمىسى لايىھەلەشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ھاۋا تەۋەلىكىنى ئوخشىمىغان سىستېمىلار ئارقىلىق قوغداشنى نىشان قىلغان تۈركىيە، ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە خەتەرلىكلەرگە قارشى تەدبىر ئالدى.

مۇداپىئە سانائىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە مۇھىم لايىھەلەرنى ۋۇجۇقا چىقارغان تۈركىيە، تاشقى سىياسىتىدىكى ئىتتىپاقلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇداپىئە سانائىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. تۈركىيە گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق ئورناتتى، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ ھەر ۋاقىت تۈركىيەگە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى. بۇ نۆۋەت تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، پاكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى كۆپەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىش سىرتقا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە زىيارىتىدە يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن سىرت نۇرغۇن مۇھىم كېلىشىممۇ ئىمزالاندى. ھاۋا ئاپتوبۇسى (Airbus) شىركىتى بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى  25 يۈرۈش A350-900 تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىۋەتتى.

قىسقىسى، تۈركىيە غەرب دۇنياسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ يېڭى مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرمەكتە، بۇ جەرياندا دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ئالدىدا تېخىمۇ ئاكتىپ ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر