ياخشىلىق؛ قانچە ئورتاقلاشقانسىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ(ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/14 - 2018

ياخشىلىق؛ قانچە ئورتاقلاشقانسىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ(ئاۋازلىق)

ياخشىلىق؛ قانچە ئورتاقلاشقانسىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە ياخشىلىق بىلەن يوقاتقىن. شۇ چاغدا كۆرۈسەنكى، ساڭا ئاداۋەت ساقلىغان كىشى خۇددى (يېقىن) قىزغىن دوست بولۇپ قالىدۇ»[1]

ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر. يامانلىق بولسا، ۋىجداننى بىئارام قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ بېلىپ قىلىشىنى خالىمايدىغان بىر ئىشتۇر»[2]

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ياخشىلىق يارىتىلىشىمىزنىڭ ئاساسلىق غايىسىدۇر. ئىنساننى ياراتقان، ئۇنىڭغا نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان، قوغداپ مۇداپىئە قىلغان ۋە رەھمىتىنىڭ ئىللىق قوينىغا ئالغان رەببىمىز قايسىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى سىناش ئۈچۈن ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنى قىسمەت قىلغان بولۇپ، ئەسلىدە بىز ياشاۋات بۇ ھايات بىر ياخشىلىق سەپىرىدۇر. ئىنسان بۇ دۇنياغا ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر يولۇچىدۇر. ئىنسان بۇ دۇنيادا ياخشى، خەيرىلىك ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، توغرا ۋە گۈزەل پوزىتسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. يامانلىق، خاتا، يىرگىنىشلىك ۋە زىيانلىق ئىشلاردىن قېچىش ھەمدە بۇ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ ئەقەللىي ۋەزىپىسىدۇر.

ياخشىلىق؛ ئىمان ۋە پۈتۈن ئىبادەتلەر بىزنى ئېرىشتۇرمەچكى بولغان خىسلەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان بايلىقلىرىمىزنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ياخشى بەندە، ياخشى بىر ئەۋلاد، ياخشى بىر ئاتا، ياخشى بىر ئانا، ياخشى بىر قوشنا، ياخشى بىر دوست، قىسقىسى ياخشى بىر ئىنسان بولۇش، دىنىمىز بىزدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردۇر.

ياخشىلىق ئەسلىدە بىر ئىمان ۋە ئىسلام دەۋىتىدۇر. بەزىدە گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەت، بەزىدە خەيرى - ئېھسان، بەزىدە سەدىقە - زاكاتتۇر.  ياخشىلىق؛ بەزىدە تەببەسۇملۇق باغرىغا بېسىش، بەزىدە تاتلىق سۆز، كۈلگىن چىرايدۇر. ياخشىلىق؛ ئۆزىمۇ ياخشى بولۇش ۋە ياخشىلار بىلەن بىرگە بولۇش ھەمدە ياخشىلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇش تىرىشچانلىقى، جۈملىدىن ئىبادەتنىڭ يۈكسەك ماقامىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ياخشىلىق؛ يالغۇزغا دوست، چارچىغانغا تايانچ، غىرىپقا پاناھجاي بولۇشتۇر. پاناھلانغۇچىلارنى باغرىغا بېسىش، يېتىمنىڭ بېشىنى سېلاش، ياشانغانلارنىڭ قولىدىن تۇتۇش، بەدەل تاما قىلماستىن، بېغىشلاش، كۈچ- قۇۋۋىتىنى، تەجرىبىسىنى، مال مۈلكىنى، سۆيگۈسى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى دۇنيالىق ھېچ نەرسە كۈتمەستىن ئورتاقلىشىشتۇر. 

ياخشىلىق؛ ئىنساپ، پىدىكارلىق، ئادالەت ۋە شەپقەتتۇر. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا، زالىمغا قارشى تۇرۇشتۇر.

ياخشىلىق؛ دۇئا تېلەك ۋە سالامدۇر. ئازابلىق مەزگىللەردە ئامىنلار ئۈچۈن ئېچىلغان بىر جۇپ قول، ياكى دەرەخت تېكىش ۋە ياكى ئاچ قالغان ھايۋانلارنى تويغۇزۇش، خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزگەن بىر قاچا تاماق شۇنداقلا يول سورىغانغا يول كۆرسىتىشتۇر. 

ئىسلام مەدەنىيىتى خەيىرىلىك ۋە ياخشىلىق ھەرىكىتىنى ئەسىرلەرگىچە ياشناتقان بۇ مەقسەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ۋەقىپلەرنى بەرپا قىلغان ئىدى. مىللىتىمىز قۇرغان ۋەقىپلەر ئارقىلىق مەزلۇملارغا پاناھجاي، مۇھاجىرلارغا ئەنسار بولغان ئىدى.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئەڭ ئىچىنىشلىق تەرىپى بۈگۈنكى كۈندە ياخشىلىق، كۈنتەرتىپتىن يامانلىقچىلىكمۇ ئورۇن ئالالمايۋاتىدۇ. يامانلىق؛ كۈن ئۆتكەنسىرى دۇنيامىزنى چىرماپ كەتمەكتە. ئادەم ئەۋلادلىرى كۈنسىرى ۋىجدان، ئادالەت ۋە كۆيۈم شەپقەتكە ئوخشاش ئۇلۇغۋار ئەڭگۈشتەرلىرىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.

بۇنداق بىر دۇنياغا ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىش ۋە يامانلىققا توسالغۇ بولۇش ھەممىزنىڭ نىشانى بولۇشى لازىم. چۈنكى قولىمىز بىلەن ياكى تىلىمىز بىلەن ۋەياكى قەلبىمىز بىلەن يامانلىقنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشىش ئىمانىمىزنىڭ ئاساسلىق تەقەزاسىدۇر. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، قۇرئان كەرىمدىكى، «ياخشىلىق، يامانلىقىنى يوق قىلىدۇ»[3] دېگەن ھۆكۈمنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بولساق، ھەر بىر ياخشىلىقنىڭ ئورنىنى بىر يامانلىق ئىگىلەپ كېتىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار قېنى ئەمىسە كېلىڭلار، بۇ مۇبارەك جۈمە كۈنىدە رەببىمىزگە يېلىنىپ دۇئا قىلايلى!

ئى رەببىمىز! بىزلەرنى قەلبلىرىمىز ئارىسىغا ياخشىلىق ۋە كۆيۈم شەپقەت كۆۋرۈكى قۇرالايدىغان بەختىيار بەندىلىرىڭدىن قىلغىن!

ئى رەببىمىز! بىزلەرگە ھەم دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغىن ۋە بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن قۇتقازغىن![4]

ئى رەببىمىز! ھېساب كۈنىدە بىزنى، ئانىمىزنى، دادىمىزنى ۋە پۈتۈن مۆئمىنلەرنى مەغپىرەت قىلغىن، ئامىن[5] !!!!   

 


[1]- سۈرە فۇسسىلەت، 134ئايەت

[2] - مۇسلىم، ياخشىلىق بابى، 14ھەدىس

[3]- سۈرە ھۇد، 114ئايەت

[4] - سۈرە بەقەرە، 201ئايەت

[5] - سۈرە ئىبراھىم، 41ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر