سۈرىيەگە زادى قانداق دۆلەت ئاساسى قانۇنى كېرەك؟ (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (15)

سۈرىيەگە زادى قانداق دۆلەت ئاساسى قانۇنى كېرەك؟ (ئاۋازلىق)

سۈرىيەگە زادى قانداق دۆلەت ئاساسى قانۇنى كېرەك؟

 

دۇنيا كۆزنىكى (15)

«سۈرىيەگە زادى قانداق دۆلەت ئاساسى قانۇنى كېرەك؟»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «سۈرىيەگە زادى قانداق دۆلەت ئاساسى قانۇنى كېرەك؟» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

دەۋەقە، ئۇرۇشلارنىڭ توختىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن كېلىشەلمەسلىك بولسا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە تېخىمۇ بەك مەركەزلىشىش ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىدىغان مۇھىم يوللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاخباراتلار رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن تەكلىپ پىلانى تەييارلىغانلىقى ۋە بۇ تەكلىپ پىلانىنىڭ ئامېرىكا بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنى قىلماقتا. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى، كۆرۈنۈشتە بىر - بىرىگە قارشى بۇ ئىككى كۈچنىڭ بەلگىلىشى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ - ئەلۋەتتە.

يەر شارى خاراكتېرلىق ئاكېتىيورلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بويلىغان ھالدا ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بەك مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئاساسىدا تەييارلاپ بېرىلگەن ئاساسىي قانۇن رايونمىزغا زادى قانچىلىق مۇقىملىق ئېلىپ كېلەر؟

شۇڭلاشقا رايون دۆلەتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى، مۇتەخەسسىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ خۇددى ئۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەندەك جىددىي بىر شەكىلدە بۇ نۇقتىنى كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنىقى قاتارىغا ئېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. سۈرىيە خەلقىنىڭ تارىخىدىن، كۈلتۈرى، ئېتىقادى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن شۇنداقلا كەچۈرمىشلىرىدىن ئايرىم بىر شەكىلدە تەييارلانغان ئاساسىي قانۇننىڭ سۈرىيە خەلقىگە خاتىرىجەملىك ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چېگىش مەسلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ يارىمايدۇ. مانا بۇ پەنچىرىدىن نەزەر سالغان ھالدا سۈرىيە ئۈچۈن تۆۋەندە بىز تەكلىپ سۇنغان ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىنى سۈرىيەلىكلەرگە ئوخشاش باشقا خەلقلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.

1 - باشقۇرۇلۇشى ئاسان بىر دۆلەت لايىھەسى ياكى كۆپ سانلىقنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر ئاساسىي قانۇن

ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەت تۈزۈملىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرى كۆپ سانلىق ئاساسىدا خەلقنى تايانچ قىلماسلىقى ۋە كۈچىنى خەلقتىن ئالماسلىقىدۇر. ئۆز خەلقىگە تايانمىغان ۋە كۈچىنى ئۇنىڭدىن ئالمىغان تۈزۈملەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە قارشى دۆلەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ۋە ساقچى كۈچىگە تايىنىشقا، سىرتتا بولسا، تېخىمۇ كۆپ يەر شارى خاراكتېرلىق كۈچلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭلاشقا دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كۈچىنى خەلقتىن ئالىدىغان ۋە بۇ دائىرىدە كۆپ سانلىقنىڭ ھاكىمىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئاساسىي قانۇن بولۇشى لازىم. كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسىنى يوققا چىقارمايدىغان بىر ئاساسىي قانۇن ئارقىلىقلا دۆلىتىگە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىگە چىققىلى بولىدۇ.  ھەر قانداق بىر دۆلەت شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك بولالايدۇ.

 

2 - ئالمىشىپ تۇرىشى ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش مۇددىتى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسىي قانۇن

 

ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەت تۈزۈملىرى ۋە دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان ئامىللاردىن بىرسى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ھالدا ئالماشماسلىقىدۇر. ھاكىمىيەت بېشىغا ئۆتكەن رەھبەرلەرنىڭ، پادىشاھلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئۆمۈر بويى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋېرىدىغانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال بۇ خىل دۆلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ بۇنداق ئەھۋالدا ھاكىمىيەتلەر ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. ئۆز زېمىنىدىن كۈچ ئالمىغان ھاكىمىيەت تۈزىمى باشقىسىنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ قالىدۇ. دۆلەتلىرىدىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئۆكتىچىلەرمۇ بۇ ئەھۋالنى قانۇنلۇق ھېسابلىمىغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارالىق كۈچلەردىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئېلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ۋە ئۆكتىچىلەر پەقەتلا ئۆز خەلقىگە ھېساب بېرىدىغان بولۇشى شۇنداقلا كۈچىنى خەلقتىن ئېلىشى ئۈچۈن چوقۇم ھاكىمىيەت مۇددىتى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلىشى لازىم. ئىككى مەزگىل بىلەن چەكلەنگەن ۋە جەمئىي 10 يىل داۋاملىشىدىغان ھاكىمىيەت مۇددىتى، ئوتتۇرا شەرقتىكى قانۇنلۇق ئاساس، ئىجتىمائىي تىنچلىق تاشقى كۈچلەرگە ئەمەس، خەلققە تايىنىشقا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ.

 

3 - ئوخشاشماسلىقلار قوغدىلىنىدىغان كۆپ سانلىق ئاساسىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزىمى

 

ئاساسىي قانۇن دۆلەتتە كۆپ سانلىقنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئاز سانلىقلارنىڭ پىكىر قاراشلىرى ۋە ئېتىقادلىرىنى قەتئىي ھالدا قوغدايدىغان بولۇشى لازىم. ھەق ھوقۇق، باراۋەرلىك جەھەتتىن ئاز سانلىقلار بىلەن كۆپ سانلىقلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مەسىلە بولماسلىقى لازىم.

 

4 - يۇنېتېر[1] (زامانىۋى) دۆلەت سىستېمىسىغا تايانغان ئاساسىي قانۇن

 

سۇرىيەدە ئاپتونوم خاراكتېرلىك بىر تۈزۈم ھەرگىزمۇ مۇقىملىق بەخش ئېتەلمەيدۇ. ئىراق ۋە ئىسپانىيە بۇنىڭ كونكېرت مىسالى بولالايدۇ. ئاپتونوم رايونلارغا ئايرىلغان بىر سۈرىيەدە، ھەر قايسى رايونلار تېخىمۇ بەكرەك ئەركىنلىك ۋە ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش تىرىشچانلىقى ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىن تاشقى كۈچلەر داۋملىق بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالايدىغان بولىدۇ. ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ئوتتۇرىسدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلار ئارا ئىشەنمەسلىكنى ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچكى تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك ئىشقا ئاشمايدۇ. شۇڭا ئاپتونومىيە ئاساسىدىكى تۈزۈم ھەرگىزمۇ ئۇرۇشنى توختىتالمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، مىللىي ئوخشىماسلىقلار قوغدىنىلىنىدىغان، كىشىلىك ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچەيتىلگەن بىر يۇنېتېر (زامانىۋى) دۆلەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدىغان بولسا، ئاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ. 

5 - ئادالەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ھاكىمىيىتى مۇقىم، ئىجرا قىلىش بىر مەركەزلىككە ئىگە ئاساسىي قانۇن

 

ئاساسىي قانۇن بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنىڭ پارلامېنتتا ئەكىس ئېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرىدۇ. سۈرىيەدە پىرېزىدېنتلىق ياكى پارلامېنت ئاساسىدىكى دۆلەت سىستېمىسى قۇرۇشقا بولىدۇ. پارلامېنت ئاساسىدىكى سىستېما بولغاندا، پىرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇقى سېمۋوللۇق ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگ بولغان بولىدۇ. باش مىنىستىر ۋە پىرېزىدېنت ھەر ئىككىسى تەڭ كۈچلۈك بولغان بىر سىستېمىدا دۆلەتنى باشقۇرۇش تەسكە توختايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا تاشقى ئاكتىيورلار ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىر بىرىگە قارشى سۇيىئېستىمال قىلالايدۇ. باشقا دۆلەت ھاكىمىيتىگە تېخىمۇ بەك مۇخادىلە قىلالايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 

6 - خەلقنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا سەزگۈر بىر ئاساسىي قانۇن

 

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى قىممەت قاراش دىندۇر. دىن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىي ئىجرائاتلاردىن ھالقىپ كەتكەن تېرمىنلەر بىزگە ھېچ قانداق ھەل قىلىش چارىسى سۇنالماسلىقى مۇمكىن. سىكۇلارىزم ئاساسىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 1ۋە 2دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىنسانىيەتكە تىرىپ بەرگەن مەسىلىلىرى، ھەتتا سكۇلارىزىمچى دېيىشكىمۇ بولىدىغان ساددام ۋە قەززافى ھۆكۈمەتلىرى بىلەن شەرىئەت ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دېكتاتورلىرى مىسال سۈپىتىدە ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ.

بۇ جەھەتتە ھەر بىر دۆلەتنىڭ دىن بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز تارىخىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مۇقەررەرلەشتۈرۇشى ئەڭ مۇناسىپ بولىدۇ. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بۇ نۇقتىدىن ئىسلام تارىخى ۋە ئوسمانلى سىستېمىسى، ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان ۋە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان دىن دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى سۇنالايدۇ. سۈرىيەگە نىسبەتەن ئەڭ خاتا بولىدىغىنى مەيلى نېمە دەپ تەرىپلىشىدىن قەتئىي نەزەر دىنىي قىممەت قاراشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، ھەتتا دىنغا قارشى مەۋقەدىمۇ تۇرىدىغان بىر ئاساسىي قانۇننىڭ تەييارلىنىشىدۇر. بۇنداق ئاساسىي قانۇن بىلەن دۆلەت جەمئىيەتتىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يەنە خەلقتىن كۈچ ئالمىغان بىر ھاكىمىيەتكە دۇچار بولغان بولىدۇ. بۇمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈزۈملەرنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا يەنە قايتىپ كەلگەنلىكى بولىدۇ. ئەسلىدە ئاساسىي قانۇن دىننىڭ ئىزاھلىنىشىدىمۇ كۆپ سانلىقنىڭ پىكرىگە تايانغان بولىشى لازىم. ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىگە ئوخشاش بىرلا مەزھەپنىڭ ئىزاھاتىنى ئاساس قىلماسلىق لازىم.

 

7 - كوللىكتېۋېزىملىق كىملىكلەرنى ئەمەس، كىشىلىك كىملىكنى ئاساس قىلىدىغان ئاساسىي قانۇن

 

ئوتتۇرا شەرق؛ پەرقلىق دىنلار، ئىرقلارن، مەزھەپلەر، ئىدىئولوگىيەلەر ۋە قەبىلىلەر ئەڭ كۆپ رايۇندۇر. بۇنداق رايوندا دۆلەت ئاساسىي قانۇننىڭ كوللىكتېۋىزملىق كىملىكنى ئاساس قىلغان ھالدا تەييارلىنىشى، بوسنىيە - گېرىتسېگوۋېنادىكىگە ئوخشاش سىياسىي سىستېمىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى كوللىكتىۋېزىملىق كىملىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەييارلاش، تۇرمۇشنى توڭلىتىپ قويىدىغان بىر پوزىتسىيەدۇر. شۇڭلاشقا ئاساسى قانۇن چوقۇم كىشلىك كىملىكىنى ئاساس قىلغان بولۇشى لازىم. شەخسلەر ئەلۋەتتە، كولېكتىۋىزم كىملىكى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەر خىل تەشكىلاتلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ.

ھېچ قانداق ئۇزۇش مەڭگۇ داۋام قىلمايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنگە تەييارلىق قىلمىغان ئاكتىيورلار، مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇرۇشتىن كېيىن ئۈستەلدە مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇمدۇر. ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيە خاتا ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان بولسا، رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىق تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ھالغا كېلىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق، خاتىرىجەملىك، مۇقىملىق ئىشقا ئاشقان بىر سۈرىيە ۋە رايونىمىز ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن تەييارلاش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇرۇشتىن ئۇتۇققا ئېرىشكۈچىلەر يەر شارى خاراكېترلىق ئاكتىيورلار بولۇپ كېتىۋېرىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 


[1] - قانۇن چىقىرىش ئىشلىرى ۋە ھاكىمىيەت بىرلا مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق رايون، شەھەر ۋە ناھىيە - يېزىلىرىدا ئوخشاش يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەت سىستېمىسى

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر