مېراج قاندىلى؛ بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 15 - 2018

مېراج قاندىلى؛ بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقى (ئاۋازلىق)

مېراج قاندىلى؛ بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقى

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار ۋە مېراج قاندىلىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز بىرلىكتە مېراج قاندىلىنى قارشى ئالىمىز. رەھمەت ۋە مەغپىرەت دەرۋازىلىرى پۈتۈن ئېچىۋېتىلگەن بۇ كېچىگە بىزنى سازاۋەر قىلغۇچى رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدۇ ساالار بولسۇن! مېراج كېچىمىز مۇبارەك بولسۇن. دۆلىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خاتىرجەملىك، خەيرىلىك ۋە بەركەتنىڭ ۋەسىلىسى بولسۇن! ئامىن!

ئەزىز قېرىنداشلار! مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇم سېتەملىرى چېكىگە يەتكەن، زوراۋانلىق بەردشالىق بېرىش چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن چاغلار ئىدى. مۇسۇلمانلارغا 3 يىل بويىچە ئىمبارگو يۈگۈزۈلۈپ، ھەر تۈرلۈك ئالاقە مۇناسىۋەتلەر پۈتۈنلەي ئۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. ئاخىرى ئېمبارگو ئاخىرلاشقان كۈنلەردە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى دائىم قوللاپ قوغداپ كېلىۋاتقان تاغىسى ئەبۇ تالىبتىن، ئاندىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدى. ئازاب قەلبلەرنى چىرماپ، ئۈمىتلەر ئۆچۈشكە باشلىغان ئەشۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ھوزورىغا قوبۇل قىلىپ، ئىسرا ۋە مېراج سەپىرى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىچىدە تۇيۇقسىزلا مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا بارغان بولۇپ، «ئىسرا» دەپ ئاتالغان بۇ سەپەر، يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:

«ئاللاھ تائالا پاكتۇركى، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر كېچىدە بەندىسىنى مەسجىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[1]

مېراج بولسا، رەھمەت ۋە ھېكمەت بىلەن تولغان شۇ كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ئەقسادىن كۆكلەرگە يۈكسىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي ئالغانلىقىدۇر[2].

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار!

مېراج؛ ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەندىچىكلىك ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاش ۋە ھەر قەدەمدە ئاللاھقا يېقىنلىشىشتۇر.

مېراج؛ ماددىىيەتتىن ئۇزاقلىشىپ، مەنىۋىيەتكە شۇڭغۇش، پانى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ، مەڭگۈ مەۋجۇت بولغۇچىغا يۈزلىنىشتۇر.

مېراج؛ قەلب دۇنيايىمىزدا قىلغان سەپەر ئارقىلىق ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ۋە سىددىق ماقامىغا ئېرىشىشتۇر. 

مېراج؛ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك سەپىرىدىكىگە ئوخشاش، مەككە بىلەن قۇددۇس ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەددەس رىشتىنى قوغداشتۇر. چۈنكى قۇددۇس بىزنىڭ كۆز قارچۇقىمىز، تىلىمىزدىكى دۇئا، يۈرىكىمىزدىكى دەرتتۇر. قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا بىزگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئامانىتىدۇر. مۇئمىنلەر شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، مۆئمىن مېراجسىز، مېراجمۇ مەسجىدى ئەقساسىز بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چوڭقۇر قايغۇدىن قۇتقۇزۇپ، تەسەللى بولغان مېراج بىزگە، درەت - ئەلەمنى، چارىسىزلىق ۋە ئۈمىتسىزلىكنى بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىدىن يولغا ئاتلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ھەر قانداق قېيىنچىلىق بىلەن بىرگە بىر ئاسانلىقنىڭمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى، رەببىمىزنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىكنى تەلىم بېرىدۇ. مېراجنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكەن مۆئمىن زامان ۋە ماكانلارنىڭ يىگانە ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، كاتتىلىقىغا ۋە ئەبىدىيلىكىگە شاھىت بولىدۇ. مىراجنى ئۈلگە ئالغان خەلق بولسا، ھەق، ئادالەت، دۇرۇستلۇق، كۆيۈم - شەپقەت، قېرىنداشلىق ۋە ۋاپادارلىققا ئوخشاش پەزىلەتلەرنى يۈكسەلتىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار، رەببىمىز ئىسرا سۈرىسىدىكى ئىلاھىي پىرىنسىپلار ئارقىلىق ھەم ئىمان، ھەم ئەخلاق نۇقتىسىدىن كامالەتكە يېتىشىمىزنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسرا سۈرىسى بىزگە ئاللاھقا شېرىك قوشماسلىقنى پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭدىنلا ياردەم سوراشنى، ئاتا ئانىغا ھۆرمەت فىلىپ، ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشنى تەلىم بېرىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلارغا، مۇساپىر، يوقسۇللارغا ياخشىلىق قىلىشنى، بېخىللىق قىلماسلىقىنى، ئىسراپخورلاردىن بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ سۈرىدە، بىر مـۆئمىننى مېراجقا چىققاندەك يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ، تۇرمۇش قېيىنچىلىقىدىن قورقۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، زىنادىن ئۇزاق تۇرۇش، ھېچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولماسلىق، يېتىمنىڭ مېلىغا قول ئازاتماسلىق،  بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك، دائىم توغرا دۇرۇست بولۇش، بىلمىگەن نەرسىنىڭ ئارقىدىن قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك، قەتئىي مەلۇمات بولماي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارماسلىق، يەر يۈزىدە گادىيىپ يۈرمەسلىك، كىبىر ۋە مەغرۇرلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى رەببىمىز ياختۇرمايدىغان ئەمەللەردۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېراجدىن بىزگە ھەدىيە بىلەن قايتقان[3] بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈزۈمنىڭ نۇرى» دەپ تەرىپلىگەن 5 ۋاقىت ناماز، دەل مېراجنىڭ ھەدىيەسىدۇر. ناماز بىزنىڭ مېراجىمىزدۇر. ناماز بىزنىڭ تىرىلىشىمىز ۋە نىجاتلىقىمىزدۇر. بىزلەر ناماز ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ قالىمىز. مەسچىتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىمىز. دەل ۋاقتىدا قىلغان نامازلىرىمىز ئەڭ خەيرىلىك ئەمەللىرىمىز بولىدۇ[4].

سۇلايمان چەلىبى مەۋلۈتىدە، نامازنىڭ مۆئمىنلەرنىڭ مېراجى ئىكەنلىكىنى مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى:

سەن مېراچ قىلىپ ئەتتىڭ بىزگە نىياز

ئۈممەتنىڭ مېراجىنى قىلدىڭ ناماز

مېراجنىڭ يەنە بىر ھەدىيەسى، ئاللاھقا شېرىك قوشمىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا جەننەتتكە كىرىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىدۇر.

مېراجنىڭ 3ھەدىيەسى بولسا، بەقەرە سۇرىسىنىڭ «ئامەننەررۇسۇلۇ» دەپ باشلىنىدىغان ئاخىرىقى ئايەتلىرى بولۇپ، بىزلەر ھەر كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۇنى ئوقۇيمىز. ئىمانىمىزنى تىلغا ئالىمىز، رەببىمىز بىزگە ئۆگەتكەن دۇئالار ئارقىلىق ئۇنىڭغا يالۋۇرىمىز ۋە باغلىنىشلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز.

خۇتىبىمىزنى مېراچ ھەدىيەسى بولغان بۇ ئايەتتىكى دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق، بىزنى جاۋاپكارلىققا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلمىگىن، پەرۋەردىگارىمىز! كۆتىرىشكە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان يۈكنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغفىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىرلارغا قارشى بىزگە ياردەم قىلغىن»[5] ئامىن!!!

 


[1] - سۈرە ئىسرا، 1ئايەت

[2]  - سۈرە نەجىمنىڭ 1- ئايتىدىن 18ئايەتلىرىگىچە قارالسۇن

[3]  - مۇسلىم، ئىمان بابى، 279ھەدىس

[4]  - بۇخارى، تەۋىد بابى، 48ھەدىس

[5]  - سۈرە بەقەرە، 286 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر