سۈرىيەدە قەتلىئام

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

سۈرىيەدە قەتلىئام

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىغا قاراشلىق دۇما رايومىدا خىمىيەۋى قوراللار بىلەن قەتلىئام ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ۋەقە دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالا بولۇپ نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمدا نىرۋا گازى ئىشلىتىلگەن. سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغان مەزگىللەرنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتكەنىدى. ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي غۇتەنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى، بومباردىمانلاردا شەرقىي غۇتەدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە جامە ۋەيران بولدى.

شەرقىي غۇتە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە رايون بولۇپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن بۇ رايوننى ئۆكتىچىلەردىن تازىلاپ قولغا كىرگۈزۈش ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىناتتى. سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغانلىقىغا 7 يىل بولغان بولۇپ، 7 يىلدىن بۇيان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بۇ رايون، تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانا سۆھبەتلىرى دائىرىسىدا ھاسىل قىلىنغان توقۇنۇشسىز رايون كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە، ئىران ۋە ئەسەد شەرقىي غۇتەدە تېررورچىلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ رايونغا ئىزچىل ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. قاتتىق بومباردىمانلار نەتىجىسىدە شەرقىي غۇتەدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ئۆكتىچىلەر رايوننى تاشلاپ كېتىشكە، ھەتتا رۇسىيەگە تەسلىم بولۇشقا رازى بولۇشۇپ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا قاراپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇشتى.

شەرقىي غۇتەدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي غۇتەدىكى دۇما رايونى جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تىزگىنىگە ئۆتكەنىدى. رۇسىيە جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئارىغا كىردى. رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى دۇمادا قېلىپ ئامانلىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇنى قوبۇل قىلماي تۇرۇۋالدى، جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى بولسا دۇمادىن چېكىنىشنى قەتئىي رەت قىلغاچقا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى ۋە دۇماغا خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغالدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى بولسا دۇمانى تاشلاپ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا چېكىنشكە مەجبۇر بولدى. جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى دۇمادىن چېكىنىپ چىقماسلىقنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىدى، ئۇلار ئاخىرى دۇمادىن چېكىنىپ چىقىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ ئەسەد ھاكىمىيىتى دەمەشىقنىڭ يېنىدىكى دۇما رايونىنىڭ تىزگىنىنى مەلۇم دەرىجىدە قولغا كىرگۈزگەن بولدى.  ناۋادا جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى ۋە دۇما خەلقى رايوندىن چېكىنىپ چىقىشنى قوبۇل قىلمىغان بولسا تېخىمۇ ئېغىر زىيان كۆرۈلگەن بولاتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى دۇماغا تۈركۈملەپ قورال-ياراغ يۆتكەپ دۇمانىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەنىدى، ئۇلارنىڭ يەنە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىسىدا خېلى نوپۇزى بار ئىدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىنى ئاسان بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇرۇنمۇ داراييا شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇ قېتىم ئەسەد ھاكىمىيىتى دۇمانى قۇرۇقلۇقتىن قولغا كىرگۈزۈش ۋە جەيس ئەل ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، دۇماغا چىقىمى ئاز كېتىدىغان خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى ۋە مەلۇم دەرىجىدە مەقسىتىگە يەتتى. ئۇرۇشتا خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىش ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە زىت ئىدى، لېكىن ئەسەد ھاكمىيىتى غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن دۇماغا خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغاشتىن يالتايمىدى.  

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەۋى قوراللار ئىشلىتىشى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن ئەسەد ئاز چىقىم بىلەن  دۇمانى قولغا كىرگۈزۈپ نەتىجىگە ئېرىشتى.  سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغاندىن بۇيان 215 قېتىم خىمىيەۋى قورال ئىشلەتكەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان سوغۇق، بىپەرۋا پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ غالجىرلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شۇنداقا دىپلوماتىيە جەھەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھەربىي جەھەتتىنمۇ رۇسىيە تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملىرى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىشلار سادىر بولىۋاتقان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زۇلۇمغا، بېسمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىللەردە، ئەسەدنىڭ دۇمانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىكىلەنمەي خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپتۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر