پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىغا پەلەستىن خەلقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى قانلىق باستۇردى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەھشىي قەتلىئامىدا 60 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلدى، 2770دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى. بۇ قەتلىئامغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇپ ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قەتلىئامىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ، ئىسرائىلىيەنى  بولسا تېررور دۆلىتى دەپ ئاتىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشىغا تۈركىيەدە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى نارازىلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى. ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بولۇپ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دەرھال قەتلىئامغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ئىسرائىلىيەنى قوللىغان دۆلەتلەرمۇ بولدى. بەزى دۆلەتلەر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ نارازىلىقىغا پىسەنتمۇ قىلماي پەلەستىن خەلقىنى قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشىغا ئەمەلىي چارە قوللىنالمايدۇ؟ ياكى ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنغا زىت ھالدا پەلەستىنلىكلەرنى قىرغىن قىلدۇ؟ ئىسرائىلىيەنىڭ  پەلەستىنگە قاراتقان بۇ سىياسىتىنىڭ دىنى،  تارىخىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى نېمە؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر