مائارىپنىڭ ئەلەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى - 2 (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (41)

مائارىپنىڭ ئەلەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى - 2 (ئاۋازلىق)

مائارىپنىڭ ئەلەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى (02)

دۇنيا كۆزنىكى (41)

«مائارىپنىڭ ئەلەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى (02)»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «مائارىپنىڭ ئەلەمشۇمۇل پىرىنسىپلىرى (02)» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، بىر ھەپتە ئىلگىرىكى ماقالىمىزدا ئالەمشۇمۇل بىر ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن ياخشى ۋە ناچار مائارىپنىڭ تارقىلىشچانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىغىمۇ يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل مائارىپ پىرىنسىپىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. مائارىپ نۇقتىسىدىن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى قىسقىچە ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپكى ئىككى پىرىنسىپ سۈپىتىدە ئادالەت ئېڭى سىڭدۇرۇش ۋە ھەممە نەرسىگە سەلەبىي ئەمەس، ئىجابىي قارايدىغان (يەنى ياخشى گۇماندا بولىدىغان) كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر مائارىپ پەلسەپەسى ھەققىدە سۆز ئاچقان ئىدۇق. قېنى ئەمىسە ئانالىزىمىزنى كەلگەن يېرىمىزدىن داۋاملاشتۇرايلى!

3پىرىنسىپ؛

ئومۇمىي ئەخلاق قائىدە تۈزۈملىرىگە ئىگە شەخسلەرنى يېتىشتۈرىدىغان بىر مائارىپ.

ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مۇمكىن ھالغا كەلتۈرىدىغان نۇقتىلىق ئامىلنىڭ كىشىلەرنىڭ پىرىنسىپال بولۇش ۋە ئومۇمىي ئەخلاق قائىدە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش ئىكەنلىكى ھەممەيلەن تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر. كىشىلەرنىڭ ئوغرىلىمايدىغانلىقىغا، ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىغا، ناچار مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىغا، يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچىمىز دەل ياخشى گۇمانلىرىمىزدۇر. قېنى بىر دەملىك بولسىمۇ بۇلار بولمىغان بىر جەمئىيەتتە ئەتىگەندە ئۆيدىن سىرتقا چىققىنىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى!

راستىنلا ئۆيدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالامدۇق؟ ئۆيدىن چىقىپ، تۇنجى ئۇچراشقان ئىنساننىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىدىن خاتىرىجەم بولالمىساق، قانداقمۇ ئىلگىرىلىيەلەيمىز؟

«كوچىدىكى ئىنسانلار داۋاملىق بىزنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىدۇ» دېگەن قاراشتا بولساقچۇ؟

ھەممەيلەن يامان مۇئامىلە قىلدىغان بولسا، قانداق بولماقچى؟ ياكى ئىنسانلار ئەمگەك قىلىپ ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىنىڭ ئورنىغا، ئەمگەك قىلماستىن، ھەقلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ئالقىنىغا كىرگۈۋېلىشنىڭلا پىيىدە بولۇپ يۈرسىچۇ؟

بۇ مىساللارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مۇمكىن. بۇنداق ۋەھشى بىر مۇھىتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇمكىن بولارمۇ؟

دېمەك جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈلتۈر دائىرىسىدە ئومۇمي ئەخلاق قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئىگە بولغان شەخسلەرنى يېتىشتۇرۇش مائارىىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەقسەتلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ ئومۇمىي قائىدە تۈزۈملەرنى بەلگىلەش ئۇنچە قېيىنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان كۈۈلتۈرلەردە بۇ قائىدە - پىرىنسىپلارغا ئالاقىدار ئاز ۋەياكى كۆپ ئومۇمىي يۈزلۈك بىر قوبۇللىنىش بار.

4پىرىنسىپ؛

ئىككى كۈننى ئوخشاش ئۆتكۈزمەسلىكنى ۋە ئەمگەك قىلىشنى ئۆگىتىدىغان مائارىپ

تۆۋەندىكى پىرىنسىپلار مائارىپنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دەسلەپكى 3 پىرىنسىپ؛ ئادالەت، ئىجابىي قاراش ۋە ئەخلاقنى ئاساس قىلىدىغان بىر مائارىپ بولۇپ، بۇلار ھەر تۈرلۈك ۋە ھەر سەۋىيەدىكى مائارىپنىڭ تۈپ ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرىدۇر. بۇ قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلمىغان ياكى بۇنداق قىممەت قاراشقا ئىگە بولمىغان مائارىپنىڭ نەتىجىسى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن چوڭ خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنى ۋەيرانچىلىققا سۆرىگەن دۇنيا ئۇرۇشلىرى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، داۋاملىق ئېگىزلەۋاتقان بىخەتەرلىك سېپىللىرى، باشقىلارنى ياشىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يوق قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەر خىل يېڭى ئىجادىيەتلەر، ئوقۇمىغان ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئالىي بىلىملەرنى ئالغان كىشىلەرلا قىلالايدىغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاز ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى تولىمۇ يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەندە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان زۇلۇملار، ئېقىتقىلى بولىدىغان كۆز ياشلىرى ۋە چەكتۈرگىلى بولىدىغان ئازابلارنىڭ ئىجادكارلىرىدۇر. 

بۇ مائارىپ بايلىقى ئىنسانىيەت دۇنياسىنى باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە قوغدىغانغا ئوخشاش مائارىپ ساھەسىدىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «پايدىسىز ئىلىمدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن» دېگەن سۆزى، تولىمۇ قىممەتلىك بىر ئەخلاقىي مەۋقەنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  دىققەت قىلىدىغان بولساق، زىيانلىق ئىلىمدىنلا ئەمەس، بەلكى پايدىسىز ئىلىمدىنمۇ پاناھلىق تىلەيدىغان بىر مەۋقەنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە.

ئەمدى پىرىنسىپلارغا كەلسەك، ئەمگەك قىلىش، ھەر كۈنى يېڭى بىر ئالدىراشچىلىقنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈش، ھەم ئۆزىمىز، ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق تىرىشچانلىقلاردىن بىرىسىدۇر. پارازىت قۇرۇتتەك، ھورۇن، ئەمگىكى بىلەن ئەمەس، باشقىلارنى ئەمگىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ جان باقىدىغان بىر تۇرمۇش شەكلى جەمئىيەتنى چىرىتىدۇ. بۇ دائىرىدە مائارىپ چوقۇم بارلىق كەسپلەرنى ئۇلۇغلايدىغان، بارلىق كەسپلەرگە رىغبەتلەندۈرىدىغان بولىشى ۋە ئەمگەك قىلىشنىڭ ئۆزىلا بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىشى لازىم.  

5پىرىنسىپ؛

 ھەممەيلەنگە ئوخشاش ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قابلىيىتىگە كۆرە سەرخىللەشتۈرىدىغان ۋە كۆپ خىللىقنى ئاساس قىلىدىغان بىر مائارىپ

زامانىۋىي مەركەزچىلىك، دۆلەت بىلەن بىرگە ھەممەيلەننى بىر خىل دەپ قارايدىغان كوللىكتىۋىزىمچى مائارىپ ئۇسۇلى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتى. بۇ ئومۇملاشقان مائارىپ؛ ھەممەيلەننى مائارىپقا ئېرىشلەيدىغان قىلىش نۇقتىسدىن مۇھىم ھەسسەلەرنى قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۆز ئارا ئوخشىماسلىقلارنى يوقۇتۇپ، ئىنسانلارنى بىر تىپلەشتۈرۈشتەك نەتىجىنى مەيدانغا چىقاردى. ۋەھالەنكى، "ھەر بىر ئىنسان ئايرىم بىر جان، ھەر بىر ئىنسان ئايرىم جاھان" ئىدى.

شەيىخ غالىپنىڭ «خوشچا باق زاتىنا كىم زۇبدەئى ئالەمسىن سەن. مەردۇمى دىدەئى ئەقۋام ئولان ئادەمسىن سەن» (يەنى، ئۆزۈڭگە ياخشى قارا، ئالەملەرنىڭ ئۆزىسەن. كائىناتنىڭ كۆز قارچۇغۇسى ئىنسانسىن سەن) دېگەن شىئىرى بۇ ئەھۋالنى تولىمۇ بەدىئىي ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

مائارىپ ھەممەيلەنگە ئوخشاش ئەمەس، ھەر كىشىنىڭ ئىقتىدارىنى بايقىشىغا، بۇ بايقىغان ئىقتىدارى ئارقىلىق خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمتائىي مەنپەئەتلەرنى مەيدانغا چىقىرىشىغا يېتەكچى بولىدىغان بولۇشى لازىم.

6پىرىنسىپ؛

ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر مائارىپ

ئەنئەنىۋىي مائارىپ سىستېمىسىدا كىشىلەر كۆپىنچە ئۇستا ۋە شاگىرت مۇناسىۋىتى بىلەن مائارىپ تەربىيەسىنى بىۋاستە خىزمەت ئۈستىدە ئالاتتى. بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ ئورگانلىرى كەسپىيلەشتى. بۇ كەسپىيلىشىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، مائارىپ ئوگانلىرىنىڭ قىسمەن ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئازاقلاشقانلىقىغا ۋە بېرىلگەن تەلىم تەربىيەنىڭمۇ پەقەت نەزەرىيە بولۇپ قالغانلىقىغا شاھىد بولماقتىمىز. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئېينىشتېيىننىڭ «مائارىپ؛ ئىنسان مەكتەپتە ئۆگەنلىرىنىڭ ھەممىنى ئونتۇپ، ئېشىپ قالغىنىدۇر» دېگەن سۆزىدە نامايان قىلىنغىنىغا ئوخشاش، كۈچلۈك ئېتىرازلارمۇ يوق ئەمەس. مائارىپنىڭ مەقسىتى كىشىنى تۇرمۇشقا ھازىرلاش بولىدىكەن، ئۇنداقتا پەقەتلا مەكتەپ ئۈستەللىرىدە بىرىلمەسلىكى لازىم. مائارىپ ئورگانلىرى ۋە مائارىپنىڭ ئۆزى، ئىجتىمائىي جەمىيەت، خۇسۇسىي ساھە، ئاكادېمىيە ۋە بىيۇكراتىيە دېگەنگە ئوخشاش ئوقۇشتىن كېيىنكى تۇرمۇشتا ئۆزى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدىغان ئورگانلار بىلەن گىرەلەشكەن بولۇشى لازىم.

 7پىرىنسىپ؛

ياد ئېلىش ئاساسىدا ئەمەس، تەپەككۈر قىلىدىغان، سوراپ تەكشۈرىدىغان كەشپىياتچى بىر مائارىپ

مائارىپ ئاساسەن ئۆتمۈشكە ياكى مەۋجۇت ھالەتكە ئەمەس، كەلگۈسىگە قارىتىلغان تىرىشچانلىقتۇر. مەۋجۇت ۋە ئۆتمۈشنىڭ مەھسۇلى بولغان تەجرىبىلەرمۇ ئۆگىتىلىشى لازىم ئەلۋەتتە. بىراق بۇلار كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن ئۆگىتىلىشى شەرت. قانداقتۇر ئۆتمۈشنى غاچىلاپ ئولتۇپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس.  تەپەككۈر قىلىشنى، سوراش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئەمەس، ياد ئېلىشنى ۋە مەۋجۇت بولغاننى تەكرارلاشنى نىشان قىلغان مائارىپ بىزنى ھەرگىزمۇ كەلگۈسىگە ئېلىپ بارالمايدۇ. ئىنسانلار ئىچكى قابىلىيەتلىرىنى تەپەككۈر قىلىش، سوراش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا بايقىيالايدۇ. مائارىپ ئىنساننىڭ ئۆزىنى بايقاپ چىقىشىغا ئاساس يارىتىشى لازىم.

يەنە بىر پىىنسىپ ئورنىدا، دۆلەت ئورگانلىرى قىلىۋاتقاندەك دۆلەت مەركەزچىلىك ئەمەس، بەلكى ماسلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئاستىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە خۇسۇىسي ساھەلەرنى مەركەز قىلغان بىر مائارىپتىن سۆز ئېچىشقىمۇ بولىدۇ. ياكى بۇنى مائارىپ ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئايرىم مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە باشقا بىر ماقالىدا ئايرىم توختىلىمىز.

شۈبھىسىزكى، بۇ پىرىنسىپلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بىراق بىرلا ماقالىغا ھەممىنى سىڭدۇرۇش تولىمۇ قېيىن، بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار مېنىڭ «يەرشارىلىش دەۋرىدە ياشلار» ناملىق ئىسلامىي ئەسىرىمگە قاراپ چىقسا بولىدۇ. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئىقتىدارلىق بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. يۇقىرىقى پىرىنسىپلاردىن مەھرۇم بىر ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ جەمئىيەتنى قەيەرگە سۆرەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. مائارىپتا بۇ پىرىنسىپلار ئۆگىتىلمىگەن تەقدىردە، مائارىپ ئارقىلىق فىرانكىشتىيان (ۋەھشىي سۇنئىي يارىتىلما ئىنسان) لارنى يارىتالايمىز. زامانىمىزدىكى ساۋاقداشلىرىنى ئاپتوماتىك قورال بىلەن ئوققا تۇتقان، يېمەكلىرىگە زەھەر قېتىپ قويۇۋاتقان ۋە تامىقىغا يىڭنە سېلىپ قويغانلارمۇ ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىقتىن ۋەيرانچىلىققا سۆرەيدىغان جاھىل، قالاق ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئوقۇمۇشلۇق، ئىقتىدارلىق، بىراق بۇ قابىلىيىتىنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى زورۈر دەپ قارىمايدىغان، قائىدە بىلمەس ئىنسانلاردىن ئىبارەتتۇر. دەرۋەقە، مائارىپتا نېمىنى ئۆگەتكىمىزگە ئوخشاش تېخىمۇ مۇھىمى نېمىنى، نېمە ئۈچۈن ئۆگەتكەنلىكىمىزدۇر. 

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر