پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىنكى ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىنكى ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى

پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىنكى ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى

6 مىليون نوپۇسى بولغان ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى بۇ

 يىل 30-سېتنەبىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا بېلەت تاشلىدى. پارلامېنت ئەزالىرى سايلىملىرىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %57 بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى، سايلام ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىنچ ئۆتكەن بولسىمۇ، بەزى رايونلاردا قوراللىق كىشىلەر ۋە پەشمەرگە كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۈردىستان يۇرتپەرۋەر بىرلىكى بىلەن كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىر-بىرلىرىنى سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلەشكەن بولسا، گورران بىلەن يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى كۈردىستان يۇرتپەۋەرلەر پارتىيەسىنى سايلامغان ھىيلە ئارىلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى. سايلامدا بەزى خاتالىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەكسىچە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىدا سايلام مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي مۇنداق دېدى: «ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىدىكى پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز. سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئىراقتا مۇقىملىقنىڭ بەرپا بولۇشى نۇقتىسىدىن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.»

رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى سايلامدا %45 ئاۋاز ئېرىشپ زور ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولسا، كۈردىستان يۇرتپەرۋەر بىرلىكى ئاران %19 ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. گوران ھەرىكىتى %12 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسا، يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى %8.3، ئىسلامىي پارتىيەلەر %7-5 ئەتراپىدا ئاۋازغا ئېرىشتى. سەردەم ئىتتىپاقى بولسا ئاران %1ئاۋازغا ئېرىشتى.

سايلامدا زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى كۈردىستان يۇرتپەۋەرلەر بىرلىكىنى مەغلۇب قىلىپ باشقا بىر كىچىك پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بېلەتلەرنى ساناش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراق پارلامېنتىدىمۇ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىدى. ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە كۈرتلەردىن سايلىنىدىغان پىرېزىدېنت نامزاتلىرى كۈردىستان يۇرتپەرۋەر بىرلىكى بىلەن كۈردسىتان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ بىرلىكتە نامزات كۆرسىتەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رىقابەت ۋە كىرىزىس كېلىپ چىقتى.

كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا فۇئاد ھۈسەييىنى، كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكى بولسا بەرھەم سالىھنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى، ئىراق پارلامېنتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يوشۇرۇن بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە 329 پارلامېنت ئەزاسىدىن 272 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى، كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بەرھەم سالىھ 219 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىراقنىڭ 4-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى. كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى فۇئاد ھۈسەيىن ئاران 22 ئاۋازغا ئېرىشتى. پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا 7 نامزاتتىن ھېچقايسىسى لازىملىق220 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى كېچىكتۈرۈلدى. پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا بەرھەم سالىھ 165 ئاۋازغا، فۇئاد ھۈسەيىن 89 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسا، مۇستەقىل ئايال سىياسەتچى سىرۋە ئابدۇلۋاھىد 18 ئاۋازغا ئېرىشتى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بەرھەم سالىھنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، ئوخشاش بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا زور نەتىجىگە ئېرىشكەن كۈردسىتان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئىچكى سىياسەتتە كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر پارتىيەسىگە قارشى كۈچلۈك ۋە ئاكتىپ سىياسەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىدىكى سايلاملارنىڭ نەتىجىسى تۈركىيە-ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونى مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىنىڭ مۇستەقىللىق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدىن كېيىن، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە كەركۈككە ئوخشاش بەزى رايونلارنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈزەشنى خالايدۇ. بولۇپمۇ كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئىقتىسادى ساھەدە تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى خالايدۇ. تۈركىيەنىڭ كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكى تىزگىنىدىكى سۇلايمانىيە ئايرودۇرۇمىغا قايتىدىن مەبلەغ سېلىشى تۈركىيەنىڭ كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى تۈركىيە-ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونى مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى دائىرىسىدە شىمالىي ئىراقتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈرتكىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى شىمالىي ئىراق ئارقىلىق تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرەلمەيۋاتىدۇ. كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدا مۇئەييەن دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشىشى تۈركىيەنىڭ پ ك ك غا قارشى كۈرىشىگىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. دەرۋەقە، كۈردىستان يۇرتپەرۋەرلەر بىرلىكى بىلەن پ ك ك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نىسپىي سەۋىيەدە بولغان بولسا، پ ك ك بىلەن كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناچار ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كۈردىستان دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتىگە قارشى كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

ئىراق سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلماسلىقى ھەم تۈركىيە ھەمدە ئىراق ئۈچۈن زور مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونىدىكى سايلام نەتىجىلىرى تۈرتكىسىدە تېز سۈرئەتتە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان تەقدىردە، ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتى رايونى، ئىراق ۋە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىجابىي نەتىجىلەر پەيدا قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەگەر ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى قۇرۇلسا ئىراقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىغىلى بولۇشى مۇمكىن.


خەتكۈچ: ئىراق , تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر