چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى

دۇنيا مىقىياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت لايىھەلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كېلىۋاتقان يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى، چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى، قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى ۋە تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى باشقارمىسى -تىكا قاتارلىق ئورگانلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «تۈركىيەنىڭ قەلب كۆۋرۈكلىرى»ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ دەسلەپكى تۆت بۆلۈمىدە، تىكا يەنى تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى توغرۇلۇق توختىلىپ، بۇ ئورگاننىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدۇق. بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، يەنە كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدە ناھايىتى مۇھىم لايىھەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر قەلب كۆۋرىكىمىز بولغان چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.

2010-يىلى 6-ئاپرېلدا قۇرۇلغان چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى چەت ئەلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ۋە تۈركىيەدە تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، بۇ ساھەلەردىكى خىزمەتلەر ۋە ئىش-پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى ھەر قايسى مۇھىم خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان پۇقرالىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركىيەدىكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خالىسانە ئەلچىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر