خەلقئارا بالقان ياشلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

3-نۆۋەتلىك بالقان ياشلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسى تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتى ئىزنىك ناھىيەسىدە ئاخىرلاشتى.

خەلقئارا بالقان ياشلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرسانىڭ ئىزنىك ناھىيەسىدە ئاخىرلاشقان 3-نۆۋەتلىك بالقان ياشلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئەر ماھىرلىرى ئىككى تۈردە چىمپېيونلۇققا ئېرىشتى.

3-نۆۋەتلىك بالقان ياشلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىگە، تۈركىيە، بۇلغارىيە، رۇمېنىيە، ماكېدونىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ئۇكرائىنا، سېربىيە، ئالبانىيە ۋە گىرېتسىيەدىن كەلگەن 160 ماھىر قاتناشتى. ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە، تۈركىيە بىرىنچى، رۇمېنىيە ئىككىنچى، بۇلغارىيە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

گىرېكچە چېلىشىش تۈرىدە، تۈركىيە بىرىنچى، بۇلغارىيە ئىككىنچى، رۇمېنىيە ئۈچىنچى بولدى.

ئاياللار كاتېگورىيەسىدە رۇمېنىيە بىرىنچى، تۈركىيە ئىككىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر