پۇتىن: قىسمەن خاتالىقلارنى سادىر قىلدۇق، ئەمما قارار ئادىل ئەمەس

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا مۇستەقىل ھالەتتە ئىشتىراك قىلىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پۇتىن: قىسمەن خاتالىقلارنى سادىر قىلدۇق، ئەمما قارار ئادىل ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن، دۆلىتىنىڭ 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيەنىڭمۇ بۇ مۇساپىدە قىسمەن خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ خاتالىقلارنى باھانە قىلىپ، رۇسىيەنى ئادىل بولمىغان شەكىلدە جازالىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «چۈنكى، جازا بېرىشتە كوللېكتىپ جاۋابكارلىق پىرىنسىپى ئىجرا قىلىندى. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر قانۇن سىستېمىسىدا، كوللېكتىپ جاۋابكارلىق پىرىنسىپى ئىجرا قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا مۇستەقىل ھالەتتە ئىشتىراك قىلىشلىرىغا ھېچبىر شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە مۇستەقىل ھالەتتە ئىشتىراك قىلىش ياكى قىلماسلىق قارارى پۈتۈنلەي تەنھەرىكەتچىلەرگە باغلىق بولىدۇ» دېدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە چاقىرىلغان سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلمىغانلىقى ئىسپاتلانغان رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بولسا، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە مۇستەقىل ھالەتتە «رۇسىيەدىن قاتناشقان ئولىمپىك ماھىرى» دېگەن نام ئاستىدا قاتنىشالايدىغانلىقىنى  ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر