تۈركىيە ماھىرلىرى ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا داستان يازدى

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە، بەش ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ داستان يازدى.

تۈركىيە ماھىرلىرى ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا داستان يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاھا ئاقگۈل  125كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە ياۋروپا چېمپىيونى بولدى. تاھا ئاقگۈل 6-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيە ماھىرلىرى ئارىسىدا ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە ئۆزى ياراتقان رېكورتنى يېڭىلىدى.

سونەر دەمىرتاش 74 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. باشقا ماھىرلاردىن رەجەپ توپال 61 كىلوگىراملىقلار بويىچە، سەردار بۆكە 92 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە ماھىرلىرى ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى بەش ئالتۇن مېدال، سەككىز مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 13 مېدال بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر