تۈركىيە كوماندىسى ئىران كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئىستانبۇل باشاكشەھىر فاتىھ تەرىم تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىران پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

FOTO_15534075_290520180012220000_R_SPO_20180529000000_aa-picture-20180529-15534075.jpg
FOTO_15534064_290520180012220000_R_SPO_20180529000000_aa-picture-20180529-15534064.jpg
FOTO_15534061_290520180012220000_R_SPO_20180529000000_aa-picture-20180529-15534061.jpg
FOTO_15534059_290520180012220000_R_SPO_20180529000000_aa-picture-20180529-15534059.jpg
FOTO_15533560_280520182218390000_R_SPO_20180528000000_aa-picture-20180528-15533560.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىنى ئىران كوماندىسى بىلەن باشلىدى.  ئىستانبۇل باشاكشەھىر فاتىھ تەرىم تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىران پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ۋە ئارىدىن ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە كوماندا ماھىرى جەڭ توسۇن قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. جەڭ توسۇن مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يەنە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن نەتىجە 2 دە 0 بولدى.

مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا تۈركىيە ماھىرى ئۆمەر بايرام ۋاراتا سىزىقىدا توپقا قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئىران كوماندىسى بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى ۋە بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 2 دە 1 بولدى.

بۇ قېتىمقى تۈركىيە-ئىران كوماندىلىرىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئاياقلىشىپ، تۈركىيە كوماندىسى غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى 1-ئىيۇن (جۈمە) شىېيتسارىيەدە تۇنىس كوماندىسى بىلەن، 5-ئىيۇن (شەيشەنبە) رۇسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر