ئەلى كوچ فەنەرباھچە كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئالماشتى

فەنەرباھچە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تارىخىي سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

sdsdf.jpg
241531.jpg
sds.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى كوچ فەنەرباھچە پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 37-نۆۋەتلىك باشلىقى بولدى. كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەلى كوچ، ئەزىز يىلدىرىمنىڭ  كۇلۇبنىڭ 20 يىللىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

فەنەرباھچە كۇلۇبىنىڭ تارىخىي سايلىمى ئۈلكەر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. سايلام ئەزىز يىلدىرىم بىلەن ئەلى كوچ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. كۇلۇب ئەزالىرى سايلامغا رېكورت سەۋىيەدە قاتناشتى. 20 مىڭ 736 ئەزا 36 ئاۋاز ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى.

ئەلى كوچ 16 مىڭ 92 ئاۋاز بىلەن، فەنەرباھچە كۇلۇبىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، 4 مىڭ 644 ئاۋازغا ئېرىشكەن  ئەزىز يىلدىرىمنىڭ كۇلۇبتىكى 20 يىللىق دەۋرى ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر