دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدىغان كوماندىلار ئېنىق بولدى

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىس، كىرودىيە-ئەنگلىيە كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2018-07-11T212629Z_1593827339_RC1FA8E15180_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG
2018-07-11T212622Z_1275267763_RC1519F91FC0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG - Kopya.JPG
2018-07-11T212438Z_1301134258_RC19C9CC3280_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG - Kopya.JPG
2018-07-11T211654Z_703850879_RC153F8971A0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG-FANS - Kopya.JPG
2018-07-11T211007Z_603134305_RC148B364570_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG - Kopya.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كىرودىيە كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە مەغلۇب قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندە، ئەنگلىيە ماھىرى كىيېران ترىپپىيېر كىرودىيەنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى

كىرودىيە كوماندىسى 68-مىنۇتتا ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە 1-1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت قوشۇپ بېرىلدى.

كىرودىيە كوماندىسى ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 109-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1 گە قارشى 2 گە چىقاردى ۋە نەتىجىدە باشقا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

كىرودىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 15-ئىيۇل (يەكشەنبە) ئەنقەرە ۋاقتى 18:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:00 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر