رۇسىيە تاماشىبىنلىرى كىرودىيە پۇتبولچىسى ۋىداغا نارازىلىق بىلدۈردى

كىرودىيە كوماندىسى 11-ئىيۇلدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەنگلىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

2018-07-11T210500Z_422759836_RC1D80AFCF90_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG
2018-07-11T210315Z_743363537_RC1381061810_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG
2018-07-11T210049Z_536810095_RC122790B700_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG
2018-07-11T205422Z_71432156_RC1D886067B0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG
2018-07-11T205241Z_1873939933_RC1A59A41170_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-CRO-ENG.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرودىيە 15-ئىيۇل (يەكشەنبە) فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. كىرودىيە كوماندىسى جەمئىي بەش قېتىم دۇنيا لوڭقىسى قاتناشتى ۋە 1998-يىلدىكى بىرىنچى قېتىملىق قاتنىشىشىدا، يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇ يىلى ساھىبخان كوماندا فىرانسىيەگە 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ، ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغان ئىدى.

كىرودىيە كوماندىسى بۇ قېتىم فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ. كىرودىيە 2002-، 2006-، ۋە 2014-يىللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرۇپپىسىدىن چىقالماي شاللىنىپ كەتكەن ئىدى.

رۇسىيەلىكلەر كىرودىيە پۇتبولچىسى ۋىداغا نارازىلىق بىلدۈردى.

كىرودىيە-ئەنگلىيە مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەن رۇسىيەلىك تاماشىبىنلار، كىرودىيە كوماندىسىنىڭ بېكى دوماگوج ۋىداغا نارازىلىق بىلدۈردى. رۇسىيە تاماشىبىنلىرى كىرودىيە كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رۇسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن تارقالغان بىر ۋىدېئودا "غەلىبە ئۇكرائىناغا مەنسۇپ" دېگەن ۋىداغا، مۇسابىقە بويىچە نارازىلىق بىلدۈردى. رۇسىيەلىك تاماشىبىنلار بېلگىيە كۇلۇبىدا پۇتبول ئوينايدىغان ۋىدانىڭ پۇتى توپقا تەگكەندە مەسخىرە قىلىپ ۋارقىراپ، نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسى (FIFA) ۋىدا ئۈستىدىن "ئۇكرائىنانى ماختايدىغان سۆزلەر" نى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.

كىرودىيە-ئەنگلىيە مۇسابىقىسىنى 78 مىڭ 11 تاماشىبىننىڭ كۆرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر