ئەردوغان باشاكشەھىر پۇتبول كۇلۇبىنى ماختىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت نىڭ ئورتاق پىروگراممىسى بولغان «جۇمھۇر رەئىس مەخسۇس پىروگراممىسى» دا، باشاكشەھىر پۇتبول كۇلۇبىنى ماختىدى.

ئەردوغان باشاكشەھىر پۇتبول كۇلۇبىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «باشاكشەھىر پۇتبول كوماندىسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولغان مەزگىلىمدە قۇرۇلغان كوماندا ئىدى. باشاكشەھىر پۇتبول كۇلۇبى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. باشاكشەھىردىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى ئۇ مەن قۇرغان كوماندا. باشاكشەھىر كوماندىسى تىرىشتى ۋە ئاخىرىدا بۇ يەرلەرگىچە كەلدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىروگراممىدا، تۈركىيە تەنتەربىيەسى ۋە تەسىسلىشىشى ھەققىدىمۇ مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

ئۇ: «ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە نۇقتىسىدا، پۇتبولنى تۈركىيەنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر