تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى | ئانالىز

ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيەنىڭ تۈركىستانغا يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى | ئانالىز

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جامائەت دىپلوماتىيەسى 2000 – يىللار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرى ئارىسىغا كىردى ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم ئامىلىغا ئايلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيەنىڭ تۈركىستانغا يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

* * * *

ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقكە ئېرىشىشى، شۈبھىسىزكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىگە يېڭى بىر دائىرە ئىلاۋە قىلدى. تۈركىيەنىڭ ئورتاق تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىگە ئىگە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئورناتقان ھەمكارلىقى كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە سۈرئەت بىلەن راۋاجلاندى. تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىل، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا ئىگە، ئۆزئارا ۋە قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن پۈتۈنلەشكەن شۇنداقلا دېموكراتىك قىممەت – قاراشلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن ئىبارەت، دەپ يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن. تۈركىيە بۇ سىياسىتى بىلەن رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم شېرىكىگە ئايلاندى.

تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1992 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پىرېزىدېنتلىرى يىغىنى» نىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 2009- يىلى قۇرۇلغان «تۈرك كېڭىشى (تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى)» بولدى. مەركىزىي ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇئەسسەسەلىشىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان بۇ كېڭەشكە تۈركمەنىستان «دائىمىي تەرەپسىز دۆلەت» سالاھىيىتى يۈزىسىدىن، ئۆزبېكىستان بولسا، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەزا بولۇپ كىرمىدى.

تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى مەدەنىيەت، مائارىپ، مېدىيا ۋە تەرەققىيات ياردەملىرىنى مەركەز قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە تاشلانغان دەسلەپكى قەدەملەرنىڭ بىرى، تۈرك مەدەنىيەت – سەنئىتى، تىلى ۋە تارىخىي مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىشى، بۇ بايلىقلارنىڭ دۇنياغا تونۇتۇلىشى ۋە ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى نىشان قىلغان ھالدا 1993 – يىلىدا «خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) نىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن باشقا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 6 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ۋە مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىمۇ كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە تۈركسويغا ئەزا بولدى. بۇ ئەھۋال، تۈركسوينى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ئالاقىدار ئەڭ چوڭ ئورگانغا ئايلاندۇردى. ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت – ساياھەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركسوي، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا جامائەت دىپلوماتىيەسى نۇقتىسىدىن ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر.

رايون بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە مائارىپ خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن تۈركىيە، 1992 – يىلى باشلىغان «بۈيۈك ئوقۇغۇچى لايىھەسى» بىلەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. ھازىرقى كۈندە «تۈركىيە ئوقۇش پۇللىرى» نامى ئاستىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئوقۇش پۇلى لايىھەسى، چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر باشقارمىسى تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. بۇ پىلان ئىچىدىن ئورۇن ئالغان «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوقۇش پۇلى پىلانى دائىرىسىدە ھەر يىلى ئونلارچە يېڭى ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنە، تۈركچىنىڭ ئومۇملىشىشى يولىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇھىم جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مەركىزى ئاستانەدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاندا تۆتتىن؛ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا بىردىن تەلىم – تەربىيە ئورنى بار.

قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى 1997 – 1998 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىدىن بۇيان بىشكەكتە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۈچ ئاساسىي مەنبەدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مەنبەلەر قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۇغقان خەلقلەر باشتا بولۇپ باشقا ئەللەردۇر. تۈركىيەنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 400 دەك ئوقۇغۇچىسى بار. قىرغىزىستان بولسا،ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %84 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2014 – 2015 ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بىرىنچى مەۋسۇمدا 9 فاكۇلتېت، 4 ئالىي تېخنىكوم، 1 كەسپىي تېخنىكومدا بولۇپ جەمئىي 4891 ئالىي ۋە ئالىي مائارىپ تەييارلىقىدىكى ئوقۇغۇچى، ئىككى ئىنستىتۇتتا بولسا، 243 ماگىستىر ۋە دوكتور ئاشتى ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ئوخشاش سالاھىيەتتىكى ئەركىن بىر ئۇنىۋېرسىتېتتۇر. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ھەقسىز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا «كىرىش سانى ئوقۇش پۇلى»، «ئىلمىي ئۇتۇق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتى»، «قوللاش ئوقۇش پۇلى» ۋە «مىللىي تەنھەرىكەتچى ئوقۇش پۇلى» قاتارلىق ناملار ئاستىدا ئوقۇش پۇلى بېرىلمەكتە. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش تىلى تۈركىيە تۈركچىسى ۋە قىرغىزچىدۇر.

تۈرك دۇنياسىنىڭ تۇنجى ئورتاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قازاقىستاندىكى مەركىزىدە داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ <تۈركىستان يىراقتىن ئوقۇتۇش فاكۇلتېتى>، تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى، قازاق تۈركچىسى بىلەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە رۇس تىلى بىلەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى مۇناسىۋەتلىك فاكۇلتېتلارنىڭ پىروگراممىلىرى بىلەن ماس ھالەتتە ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا داۋاملاشتۇرۇلماقتا. «ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇتۇش» پىروگراممىلىرى 2002 – يىلىدىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مائارىپ تىلى تۈركچە ۋە قازاقچە بولۇپ، بۇ تىللاردىن باشقا ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدىمۇ دەرس ئۆتۈلىدۇ. 880 ئاكادېمىك خادىمى بار ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىقتىساد، تارىخ ۋە مائارىپ، تېخنولوگىيە ۋە چەت ئەل تىللىرى فىلولوگىيەسى، قانۇن، دوختۇرلۇق،تەبىئىي پەن، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت، ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتلىرى بار.

تۈركىيەنىڭ تۈركىستانغا / ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى يالغۇز بۇ ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، مەتبۇئات، نەشرىيات – ئاخبارات باش ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك خىزمەتلىرى بار. بۇ خىزمەتلەر ھەققىدىكى پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر