ۋەيسى قايناق ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىزاھات بەردى

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تارىختىن بۇيان تەقدىرداش بولۇپ كەلگەنلىكىنى، دەرت – ئەلەملىرىگە دەرتلىنىپ، خۇشاللىقىغا خۇشاللىنىپ، ئۆز قېرىندىشى قاتارىدا كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەيسى قايناق ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەتچىسى ھەققىدە، «بۇ تېررورىستنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى بار» دەپ بەرگەن باياناتى توغرۇلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۇمتۈرك ئەپەندىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئالاھىدە چۈشەنچە بەردى.

ۋەيسى قايناق يوللىغان مەكتۇبىدا، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تارىختىن بۇيان تەقدىرداش بولۇپ كەلگەنلىكىنى، دەرت – ئەلەملىرىگە دەرتلىنىپ، خۇشاللىقىغا خۇشاللىنىپ، ئۆز قېرىندىشى قاتارىدا كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا بەزىدە خاتا چۈشىنىپ قېلىشلارنىڭمۇ بولىدىغانىقىنى ئېيتتى.

ئەسلى مۇھىم بولغىنى سۆھبەت ۋە دىيالوگ يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش ۋە بۇ خاتا چۈشىنىشلەرنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋەيسى قايناق مەكتۇبتىكى سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئاندېرىي كارلوۋنى ئۆلتۈرگەن مەۋلۇت مەرت ئالتىنتاشنىڭ تۈرك بولۇشى، 80 مىليون تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسىنىڭ ھەممىسىنى گۇمانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويمىغانغا ئوخشاش، قولى قانغا بويالغان بىر قاتىلنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئۆزبېك بولۇشىمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمىزنى گۇمانلىق ھالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. مەن تېلېۋىزىيە نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇ مەزگىلدە قولىمىزدا بار بولغان مەلۇماتلارنى جامائەت ئاممىسى بىلەن ئورتاقلاشتىم. «ئېھتىمال» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ بۇنىڭ تېخى كەسكىن ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئەيىبلەش ھېچقايسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئەقلىگە كەلمىگىنىگە ئوخشاش، مېنىڭمۇ ئەقلىمنىڭ ئۇچىغىمۇ كېلىپ قالغىنى يوق ۋە ھەرگىز كەلمەيدۇ.

سىيىت تۇمتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرىنى ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىشتىن تولىمۇ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋەيسى قايناق، مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ھەمدە پۈتۈن ئۇيغۇررايونىغا سالام ۋە ھۆرمەتلىرىنى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر