قازاقىستان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

قازاقىستان 3 يىل ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى.

قازاقىستان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ئۈچ يىلغىچە ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى.

دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى قازاتپومپرو شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى 2018-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئۇراننىڭ ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئالدىمىزدا ئۈچ يىل ئىچىدە  قازاتپومپرو شىركىتى تەخمىنەن 11 مىڭ توننا ئاز ئۇران ئىشلەپچىقىرىدۇ.

قازاقىستان دۇنيا ئۇران بازىرىنىڭ %37نى كونترول قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر