تۈركمەنلەر ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق قوشۇنى تەشكىل قىلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى

سۈرىيەلىك تۈركمەنلەر ۋە ئەرەب قەبىلىلەر بىرلىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق قوشۇنى تەشكىل قىلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى.

تۈركمەنلەر ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق قوشۇنى تەشكىل قىلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلىك تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قاتتىق ئەيىبلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشنى باھانە قىلىپ، باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشىنىڭ دېموكراتىيەگە زىت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىكككىنچى بىر ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، سۈرىيەنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشىغا رازى بولمىغاننىڭ سىرتىدا نۆۋەتتە تېررورلۇق قوشۇنى تەشكىل قىلىش پىلانىنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى، ئۇلار دېموكراتىيە نامىدىن دۆلىتىمىزگە كىرىپ زېمىنىمىزغا ۋە ئار – نومۇسىمىزغا كۆز تىكتى، ئىنسانلارغا قارشى سۈرگۈن سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى چەت ئەلگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. دۆلىتىمىز ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا رازىمىز، ئەمما زېمىنىمىزنى تارتىۋېلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەمدە دەرھال بۇ خاتالىقىدىن قايتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ پىلان ۋە ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى سۈرىيەنى پارچىلاشنى نىشان قىلىدۇ، ئەمما بىز سۈرىيەلىكلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر