تۈركمەنلەر ئومۇمىي خەلق ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركمەن مىللىيەتچىلەر ھەرىكىتى باشلىقى ئابباس باياتلى نامايىشتا سۆز قىلىپ، «ئەگەر تەلەپلىرىمىز ئورۇندالمايدىكەن، بىز تۈركمەنلەر ئومۇمىي خەلق ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى باشلايمىز» دېدى.

تۈركمەنلەر ئومۇمىي خەلق ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى تۈركمەنلەر ئومۇمىي سايلامغا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى باشلىدى ۋە ئەگەر تەلەپلىرى قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردە، بۇ نارازىلىقلارنى ئومۇمىي خەلق ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

تۈركمەن مىللىيەتچىلەر ھەرىكىتى باشلىقى ئابباس باياتلى، ئىراق سايلام كومېسسارلىقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلىپ: «ئەگەر تەلەپلىرىمىز ئورۇندالمايدىكەن، بىز تۈركمەنلەر ئومۇمىي خەلق ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى باشلايمىز» دېدى.

ئابباس باياتلى سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ گۇمانلىق سايلام ھەققىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز، ئەگەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن ۋە تاشلانغان بېلەتلەر قول بىلەن قايتا سانالمايدىكەن، بىز سايلام نەتىجىسىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى.

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى تۈركمەنلەر شەنبە كۈنى (12-ماي) ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن، تۈركمەنلەر ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ ھىيلەنەيرەڭ ئارقىلىق كورد پارتىيەلەرنىڭ ھېسابىغا يېزىلغانلىقى سەۋەبىدىن نامايىش باشلىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر