ئۆزبېكىستاندىكى سۇ ئاپىتى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئۆزبېكىستاندا قاتتىق يامغۇر يېغىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە، 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئۆزبېكىستاندىكى سۇ ئاپىتى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، قاشقە دەريا ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىراغچى ناھىيەسىدىكى مىرزارتۈرك يېزىسىدا، 5 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزبېكىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى شىددەتلىك يامغۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

بىر قانچە كۈن ئىلگىرىمۇ يەنە قاشقە دەريا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كىتاب ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە يوللار ۋە 200 گە يېقىن ئوي زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر