كەركۈك تۈركمەنلىرىنىڭ بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان نامايىشلىرى ئاخىرلاشتى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ئومۇمىي سايلاملارغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ باشلىغان نامايىشلىرى، ئارىدىن 28 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئاخىرلاشتى.

كەركۈك تۈركمەنلىرىنىڭ بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان نامايىشلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرشات سالىھى، ئىراق پارلامېنتىنىڭ بېلەتلەرنى قول بىلەن ساناشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇڭا تۈركمەنلەرنىڭ نامايىشلىرىنى توختاتقانلىقىنى، تۈركمەنلەرنىڭ ساداسىنى ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان تۈركمەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

كەركۈك تۈركمەنلىرى، 12 – مايدىكى ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن ئۆزلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تاشلىغان بېلەتلىرىنىڭ كورد پارتىيەلەرگە ھېسابلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، كەركۈكتىكى سايلام كىرىزىسىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، بېلەتلەرنى قول بىلەن ساناشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئىراق پارلامېنتىمۇ 6 – ئىيۇندىكى يىغىنىدا، بېلەتلەرنىڭ قايتىدىن قول بىلەن سانىلىشىغا قارار قىلغانىدى.

ئىراق قانۇنلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېلەتلەرنى قايتا ساناش ئۈچۈن ئالىي سايلام كومىسسارلىقىنىڭ قارار چىقىرىشى شەرت. كومىسسارلىق بولسا، ھازىرغىچە بۇ يۆنىلىشتە ھېچقانداق قەدەم تاشلىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر