نەزەربايېۋ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆز قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ئاستانا سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ سۈرىيەدە ئومۇمىيۈزلۈك تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نىشانىنىڭ پائال ۋاسىتىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نەزەربايېۋ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازئىنفورم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاسىيا، ئافرىقا، يېقىن شەرق ۋە باشقا قىزىق نۇقتىلاردىكى توقۇنۇشلارنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قارىشىنى تەكرارلىدى.

ئۇ، سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان تەرەپ سۈپىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنى يېقىندىن تەقىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئاستانا سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن سۈرىيەدە ئومۇمىيۈزلۈك تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نىشانىنىڭ پائال ۋاسىتىسى بولغانلىقى كۆرۈلدى» دېدى.

ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، «دۆلىتىمىز، ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىشىدا چىڭ تۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر