تۈرك دۇنياسى ئاتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئورۇن ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ!

3 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئاتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە 2 كۈنگىچە ئۇرخۇن ئابىدىلىرى پۈتۈكلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.

تۈرك دۇنياسى ئاتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئورۇن ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ!

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20ئىيۇلدىن 22ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۇنياسى ئاتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن جەمئىي 309 تەنتەربىيەچى ۋە 150 كە يېقىن سەنئەتچى قاتنىشىدۇ.

3نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئاتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستاندىن تەنتەربىيەچى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

پائالىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەلب بىرلىكى ۋە قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تۈرك كۈلتۈرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

20ئىيۇل جۈمە كۈنى ئالتىپارماق ئاتاتۈرك تەنتەربىي زالىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوسمانلى باربان كونسىرتى، قىلىچ - قالقان نۇمۇرلىرى، نەيزە، ئات چاپتۇرۇش، ئات ئۈستى ئوقياچىلىق، كۆكبۆرە، ئوغلاق تارتىش ۋە خەلق ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلىدۇ. 

21ئىيۇل شەنبە كۈنى كەلەس كوجايايالادىكى مۇراسىمنىڭ ئارقىدىن ئەنئەنىۋىي ئوقياچىلىق مۇسابىقىسى، ئاتلىق نۇمۇرلار، چېدىر يۈرت مەيدانىدا ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈرلەرگە ئائىت ئەنئەنىۋىي ئۆرپ ئۆدەتلەر كۆسىتىلگەندىن سىرت، بالىلار تەنتەربىيەسى ۋە ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

22ئىيۇل يەكشەنبە كۈنىمۇ پائاليەتلەر پۈتۈن كۈن داۋاملىشىدۇ. خەلق ئۇسۇللىرى، كونسىرتلەر، سەنئەت نۇمۇرلىرى ۋە ئەنئەنىۋىي قائىدە يوسۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. 

كوجايايلاغا تىكىلگەن ھەر قايسى يۇرت چېدىرلىرى تارىختىكى 16 چوڭ تۈرك دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئورخۇن ئابدىلىرىنىڭ ئۆرنەك نۇسقىلىرى ئورنىتىلغان مەيداندىكى پائالىيەتلەردە ھەر ئىككى كۈنگىچە ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ پۈتۈكلىرى چۈشەندۈرىلىدۇ.

كوجايايلادا ئوسمان غازىنىڭ چېدىر يۇرتى قۇرۇلغان، ئورخان غازى بىلەن نېلۇفور خاتۇننىڭ تويى قىلىنغان ۋە بىر ئېمپىرىيەنىڭ ئاساسى تىكلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم قايتىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا بىر مۇراسىمغا ساھىبخانلىق قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر