ئۆزبېكىستان بىلەن ئەزەربەيجان ھەربىي كېلىشىم تۈزدى

ئۆزبېكىستان بىلەن  ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئۆزبېكىستان بىلەن ئەزەربەيجان ھەربىي كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇسالام ئەزىزوۋ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت تاشكەنتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان. ئىككى مىنىستىر ئۇچرىشىشت، ئەزەربەيجان بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە ساھەلىرىكى ھەمكارلىق ۋە نۇقتىئىينەزەرلەردىن سىرت يەنە، ھەربىي تېخنىكا مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۆزبېكىستان بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

ئەزىزوۋ يەنە، بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي رايكوۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېلىشىم، ئۆزبېكىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر