14.11.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.11.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان بىلەن پۇتىن سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى، ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇھىم سىگناللارنى بەردى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەمدە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.»

پۇتىن مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىنھانگىر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىلدىرىم ئالدىنقى كۈنى ئىران – ئىراق چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋە ھەر ئىككى دۆلەتكە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئىران پۇقرالىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.

بۇنداق مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ھەمىشە ئىراننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، بۇنداق ئاپەتلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ھەمەشە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

جىنھانگىر بولسا باش مىنىستىر يىلدىرىمغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدا تۈركىيەگە بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «2050 – يىلى دنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر ئېنىق بولدى: تۈركىيە نۇرغۇن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

باج تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى شىركىتى (PriceWaterhouseCoopers) 2050 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا ھۆكۈملىق قىلىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. 

شىركەتنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى،  سۈپەتلىك تۇغۇت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى 2017 – يىلى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان غەرب ئەللىرى 2050 – يىلىغا بارغاندا تەدرىجىي ئاجىزلاپ كېتىدىكەن.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  « BARCLAYSتۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە 60 قا يېقىن دۆلەتتە ئۇدا 300 يىلدىن بۇيان بانكىچىلىق ۋە پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ  Premier  لىگىنىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان دۇنياغا داڭلىق پۇل – مۇئامىلە شىركىتى  Barclays تۈركىيەنىڭ 2017 – ۋە 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى.

شىركەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە سىياسىتى، يۈكسەك سەۋىيەدىكى ئېكسپورتىنىڭ تەسىرىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى  مۆلچىرىنى % 5.2 تىن % 5.9 كە، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى % 3.8 دىن % 4.1 كە يەتكۈزدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئاتاتۈركنىڭ مىراسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 1918 – يىلى 13 – نويابىر كۈنى بوغۇزدىكى ئىشغال پاراخوتلىرىنى كۆرگەن ھامان: «قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىدۇ» دېيىش ئارقىلىق «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» نىڭ تۇنجى بېشارىتىنى بەرگەن «2 – بۈركۈت» ناملىق كارتېر مۇزېي بولىدۇ. پىنسىيۇنېر مايور گېنېرال جەم گۈردەنىزنىڭ جاپالىق خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە چىقىرىلغان كارتېر بىر يىلدا رېمۇنت قىلىنغاندىن كېيىن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. مۇزېي ئاتاتۈركنىڭ مەزكۇر سۆزنى قىلغانلىقىغا 100 بولغاندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر