07.12.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلەرتۆۋەندىكىچە:

07.12.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش پىلانىغا قارشى خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى 13-دېكابىردا ئىستانبۇلدا جىددىي توپلىنىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدرۈۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى تۆت سىياسىي پارتىيەنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش پىلانىغا قارشى سىياسىي پارتىيە گۇرۇپپىلىرى تەييارلىغان ئورتاق خىتابنامىنى ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بۇ ئۇرۇشقاق ھەرىكەتنى كەسكىن ۋە تالاش-تارتىشسىز ھالدا رەت قىلىش ئىرادىسى» نى دۇنياغا جاكارلىغان.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىشغالىيەتچى ئىسىرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ، پۈتكۈل تۈركىيەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ۋىلايەتلەردە ئامېرىكا ۋە ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش پارتلىغان. نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردىكى كىشىلەر تارىخ بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ قىزىل سىزىقى بولۇپ كەلگەن قۇددۇسقا ئىگە چىقىش ئۈچۈن كوچىلارنى تولدۇرغان.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى موسكۋا-ئانتاليا لىنيەسىدە يەتتە قېتىم ھاۋا سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈچىنچى بىر ھاۋا شىركىتىگە بېرىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروفلوت (Aeroflot)بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا-ئانتاليا ئۇچۇش لىنيەسىدىكى ھاۋا يولى سەپەرلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

«خەبەرتۈرك گېزىتى»، 1998-يىلى كونيادا قۇرۇلۇپ، تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان بىر شىركەتنىڭ، تۈركىيە پەن-تېخنىكا ۋە تەتقىقات ئىدارىسى (TÜBİTAK) نىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئۈچ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋىتامىن E، فوسفور ۋە ئاقسىل ماددىلىرى مول بولغان تەييار چۆپنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقارغان تەييار چۆپنى ياپونىيەنى ئاساس قىلغان 10 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر