19.02.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

19.02.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «ئەردوغان: زەپەر يېقىندۇر (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئافيونقاراھىساردا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەردوغان، «جەرابلۇستىكىگە، رائىدىكىگە، بابتىكىگە ئوخشاش ئافرىندىمۇ، ئىدلىبتىمۇ، مۇنبىچتىمۇ نەتىجىگە ئېرىشىمىز. كۈنسېرى غەلىبىگە يېقىنلاشماقتىمىز» دېدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «يىلدىرىم: بىرمۇ تېررورچى قالمايدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنقەرەدە بايانات بېرىپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «نۆۋەتتە ئارسلانلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز، ئەسكەرلىرىمىز ئافرىندا داستان يازماقتا. كىم نېمە دېسە دېسۇن، بۇ ھەرىكەت دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررور پۈتۈنلەي تۈگىگۈچە داۋاملىشىدۇ. بىرمۇ تېررورچى قالمايدۇ» دېدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ قېتىم بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى لازىم (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: (دۆلىتىمىز) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 54 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سۈرىيەدە ھەر خىل پىلانلىرى بار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە بۇ سەۋەبتىن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر، دەپ كۆرسەتتى؛ ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن بەزى كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدۇق. ئامېرىكىنىڭ (ئۇنى) ئورۇندىشىنى، بۇ قېتىم ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «شىمشەك: خەزىنە دەسلەپكى 2 ئايدا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى ئەركىن نەپەس ئالدۇردى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئىقتىسادقا مەسئۇل باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەك، ھۆكۈمەت يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىشى سايىسىدا خەزىنىنىڭ بۇ يىلغا ئىچكى قەرزنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى %100 نىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈپ، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى ئەركىن نەپەس ئالدۇرغان ھالدا قەدەم باسقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار دەسلەپكى 5 ھەپتىلىك مەزگىلدە بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق زايوم سېتىۋالدى» دېدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «<شەرق ئېكپرېسى> قارسنىڭ قىش ساياھەتچىلىكىگە كۈچ بېغىشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئەنقەرە بىلەن قارس ئارىسىدا قاتنايدىغان، يېقىنقى كۈنلەردە بارغانچە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاۋاتقان شەرق ئېكسپرېس (پويىزى) ىغا ئولتۇرۇپ رايونغا بارغان تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرگە سارىقامىشنىڭ جىبىلتەپە چانا تېيىلىش مەركىزىدە ئالدىراشچىلىققا سەۋەب بولدى. سارىقامىش ساياھەت جەمئىيىتى باشلىقى مىر ھاسان تاش، شەرق ئېكسپرېسى پىلانىنىڭ رايوندىكى ساياھەتچىلىك پۇرسەتلىرىنىڭ تونۇلۇشىغا كۈچلۈك ھەسسە قوشقانلىقىنى، قارستا ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن يىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر