17.04.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.04.2018

ساباھ گېزىتى «دوللار ئەمەس ئالتۇن قەرز ئېلىڭلار»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دۆلەتلەرنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ <دوللار ئەمەس ئالتۇن قەرز ئېلىڭلار>دېگەن سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى. ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا كارخانچىلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: ئىگىلىك يارىتىش روھى بولغان دۆلەتلەر ئۆزلىرى بەرپا قىلىپ چىققان ئورگانلارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىشى لازىم. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى زادى كىم قۇرۇپ چىقتى؟ بۇ دۆلەتلەر. مەسىلەن، گ-20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا<نېمە ئۈچۈن دوللار قەرز ئالىسىلەر، دوللارنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىلەرنى قەرز ئېلىڭلار> دېدىم. مەن ئالتۇن قەرز ئېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، دۇنيا دوللارنىڭ بېسىمى ئىچىدە ئىڭىرماقتا، دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى بۇ بېسىمدىن قۇتقۇزۇش لازىم> دېدى. »

سىتار گېزىتى «بىر رۇس پالامېنت ئەزاسى: ئەردوغاننى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاستى قانىتى بولغان دۇما مۇداپىئە كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندېر سېرىن دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن ئۆگىنىش لازىملىقىنى ئېيتتى. رۇسىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى سېرىن: ئەگەر ئەردوغانغا ئوخشاش كۈرەش قىلمىساق ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش تولىمۇ مۈشكۈل، مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەردوغاندىن ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. بىز ئەردوغاننىڭ كۈرەش روھىنى قوبۇل قىلساق ۋاشىنگىتون بېسىقىدۇ، دېدى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ <ئەسەد ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىپ تۈركىيەنى رۇسىيەدىن ئايرىۋەتتۇق>دەپ بايانات بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئەنقەرەدە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن چاۋۇشئوغلۇ، ماكروننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشقان يىغىنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بىراق تەلىپىنىڭ رەت بولغانلىقىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ ماكروننىڭ باياناتىنىڭ يالغانلىقىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ <ئۇنىڭدىن بىر پىرېزىدېنتقا ماس كېلىدىغان باياناتلارنى بېرىشىنى كۈتىمىز>دېدى ۋە ماكروننى دۇرۇس بولۇشقا چاقىردى.»

ۋاتان گېزىتى «مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى TF-X نىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى كۆرگەزمە قىلىندى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى تەرىپىدىن لايىھلەنگەن قوش موتورلۇق 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى TF-X نىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن < DS2018>مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە باشلىغان مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش لايىھەسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدىكى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان  زامانىۋى ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ لايىھە ئىشقا ئاشسا تۈركىيە دۇنيا بويىچە 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرالايدىغان تېخىنىكىغا ئىگە دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر