17.05.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

17.05.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پەلەستىن دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززە رايونىدا پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان سۈركىلىش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى رەھبەر، غەززە رايوننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنىڭ ۋاقتى ئېنىق بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 4 – ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېئونىڭ ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى، پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار گىرېتسىيە ۋا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئاقار تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئالدى بىلەن گىرېتسىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ، ئەگە دېڭىزىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى ئۇچرىشىش بولدى.

ھۇلۇسى ئاقارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئىقتىسادىي ئىشلار ھەققىدە مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىقتىسادنىڭ سايلامدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«‹ Bloomberg News › تېلېۋىزىيە قانىلى» تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بېنجامىن ھارۋېي ھەمبەھىرلەشكەن بىر خەۋەركە ئىنكاس قايتۇرغان شىمشەك، «سايلامدىن كېيىن سىياسىي ئىشلارمۇ ئىزىغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئىقتىسادمۇ قايتىدىن جانلىنىدۇ. پىرىنسىپلىق بازار ئىگىلىكىنى جانلاندۇش ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھەم بىخەتەر يول» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «مۇئاۋىن باش مىنىستىر رەجەپ ئاقداغ ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىرنىڭ پەلەسىتنلىك يارىدارلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرىدىغان ئايروپىلاننى قوندۇرۇشقا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مۇئاۋىن باش مىنىستىر رەجەپ ئاقداغ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى ۋە باش مىنىستىرى تۇفان ئەرھۈرمان تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلىندى. ئاقداغ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پەلەستىندىكى يارىدارلارنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ياكى مىسىرغا ئايروپىلان قوندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر