12.07.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

12.07.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى تۈركىيە ھەققىدە مۇھىم قارار ماقۇللاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ھەممىنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى. تارىخىي يىغىننىڭ باياننامىسىدە بولسا، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرىگە ئېنىق سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئېنىق سىگناللارنى بەردى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئېلىشى توغرۇلۇق توختالغان ۋە «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ» تەرىقىسىدىكى تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن يىراقلاشقىنى يوق، ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇ ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدىغان بولسا، بىز <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئۇلاردىن ئالغان بولاتتۇق، ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ ئاخىرلىرى رۇسىيەدىن دەسلەپكى باتارىيەلەر كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ناتسىست كېلىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيەدە 2000 – 2007 – يىللار ئارىسىدا 8 تۈرك، 1 گىرېك ۋە بىر گېرمان ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن NSU  تەشكىلاتىنىڭ تىرىك قالغان بىردىنبىر ئەزاسى بولغان بېئاتې زىچاپې  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى NSU  تەشكىلاتىنى كوزېر قىلىپ ئىشلەتكەن ئەسلى شەخسلەرنىڭ سوتقا تارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، NSU  تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە مەخپىي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پاش قىلىنمىغان.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يەر شارى خاراكتېرلىك زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2016 – 2017 – يىللىرى تۆۋەنلەپ كەتكەن بىر پەيتتە، تۈركىيە زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن دۆلەت بولدى. تۈركىيە زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 58 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ، 208 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە دۇنيا بويىچە زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «نىك كاۋې ئىستانبۇلدا كونسېرت بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئاۋىستىرىيالىيەلىك تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكانتى، ناخشا، كىتاب ۋە سېنارىيە يازغۇچىسى نىك كاۋې ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىستانبۇلدا مەستانىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

«25 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل جاز مۇزىكىسى فېستىۋالى» دائىرىسىدە « Grubu The Bad Seeds » بىلەن سەھنىگە چىققان سەنئەتچى مۇزىكا مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر