12.02.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

12.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تۈنۈگۈن (11-فېۋرال) رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، كۆرۈشۈشتە، 14-فېۋرال سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-قېتىملىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن بۇرۇن، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىدلىب مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، «تۈرك بۈركۈتى ئالپىنا» نىڭ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە «ياخشى لايىھە» تۈرى بويىچە «German Design Awards» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالپىنا (ALPINA) نىڭ ھەم قۇرۇقلۇققا ھەمدە دېڭىزغا قونالايدىغانلىقى، يۇقىرىدا قانىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغانلىقى ۋە ئېنېرگىيەنى تېجەيدىغانلىغىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، دۇنياغا تونۇلغان ئايروپىلان لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە تەتقىقاتلىرىنى تامالىغان ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى گېئولوگىيە ئىنژېنېرلىقى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقات ئوقۇتقۇچىسى ياغمۇر گۈنەشنىڭ، مارس تەتقىقاتلىرىدا ئۆرنەك رايون ھېسابلىنىدىغان قىتئەدىكى كۆللەر ۋە تاش جىسىملىرىدىن ئالغان ئەۋرىشكىلەر بىلەن، مارس تەتقىقاتلىرىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياغمۇر گۈنەشنىڭ ئانتاراكتىكادىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «دۆلىتىمىزدە ئالەم تەتقىقاتلىرى تېز سۈرئەتتە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقان يېقىنقى مەزگىللەردە، بۇ خىلدىكى تەتقىقاتلارنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى، بۇ ساھەدىن ئورۇن ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، بايبۇرتتىكى بىر فابرىكانىڭ بايبۇرت ۋىلايىتى ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىن چىقىرىلغان تەبىئىي تاشلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى 16 دۆلەتكە تەبىئىي تاش ئېكسپورت قىىلۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فابرىكانىڭ باش دىرېكتورى نۇرۇللاھ شەنتۈرك بايبۇرتنىڭ تەبىئىي تاش زاپىسى جەھەتتىن ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى، بۇ يىلقى (2019) نىشانلىرىنىڭ، ئېكسپورت رەقىمىنى 500 مىڭ دوللارغا چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ، بۈگۈن (12-فېۋرال) كەچتە جەمال رەشىت رەي كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس پائالىيەت بىلەن زىيارەتچىلەرگە كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىستانبۇل شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى 52 كۈندە 33 ئوخشىمىغان نۇقتىدا 100 قېتىمدىن ئارتۇق سۇغا شۇڭغۇپ سۈرەتكە ئېلىنغان «ئىككى دېڭىز بىر شەھەر: دېڭىز ئاستىدا ئىستانبۇل» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى تەبىئىي بايلىقلىرىنى دۇنياغا تونىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق يەنە، ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز ئاستى ساياھەتچىلىكىنى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى ھايۋان تۈرلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇپ، دېڭىز ھايۋان تۈرلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر