تۈركىيەدە ھەجگە بېرىشقا تىزىملاتقانلار سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

بۇ يىل تۈركىيەدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ھاجى نامزاتى مۇبارەك زېمىنلارغا بېرىشنى خالايدۇ

تۈركىيەدە ھەجگە بېرىشقا تىزىملاتقانلار سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلگىرى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە بۇ يىل تىزىملىكتىكى ئىسمىنىڭ يېڭىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان 1 مىليون 700 مىڭغا يېقىن ھاجى نامزاتىغا بۇ يىل 335 مىڭ ئادەمنىڭ قېتىلىشى بىلەن ھاجى نامزاتى سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ.

بۇ يىل ھەجگە بارىدىغان ھاجى نامزاتلارنى بەلگىلەش چېكى 23 – فېۋرالدا تاشلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەسجىدى ھەرەمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن، تۈركىيە 74 مىڭ كىشىنى ھەجگە ئەۋەتىش ھوقۇقى بولسىمۇ، 4 يىلدىن بۇيان 60 مىڭ ئادەمنى يولغا سالالىدى.

ئۆتكەن يىلى 59200 بولغان ھاجى نامزاتى سانى دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور مەھمەت گۆرمەز ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 2017 – يىلى 80 مىڭغا چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر