مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھوزۇرڭلارغا سۇنىمىز.

مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىندا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەت ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

* * * * *

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، 2017 – يىلى 25 – ئۆكتەبىردىن 27 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى. شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بولۇشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان مىرزىيايېۋنىڭ تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا بىر قاتار ساھەلەر بويىچە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى ھەم ئالاقىدار ئەمەلدارلار ھەم مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تۈركىيە 1991 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى سۈرئەت بىلەن راۋاجلاندى. 2005 – يىلى ئۆزبېكىستاندىكى ئاندىجان ۋەقەلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ب د ت  يىغىنىدا تۈركىيە ئۆزبېكىستانغا قارشى بېلەت تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1991 – يىلى ياخشى باشلانغان مۇناسىۋەتلەر، 2005 – يىلىدىن تارتىپ تۇرغۇن ھالەتتە داۋام قىلدى. شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىشى مۇمكىن. بىرقانچە ئاي ئىلگىرى سەمەرقەنتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىكى ئەردوغاننىڭ «مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە»، مىرزىيايېۋنىڭ «ئەمدى ئېغىزدا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ دەل ۋاقتى كەلدى» دېگەن سۆزلىرى، مىرزىيايېۋنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك مەنىگە ئىگە بولدى. ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ بېشىدا ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سېلىنما مۇنبىرى بىلەن قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنى ئۆتكۈزۈش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تارىخىي رىشتە تۈپەيلى، تۈركىيەنىڭ يۆنىلىشى ۋە كۆڭلى ئۆزبېكىستان تەرەپكە قارايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت سايىسىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۇرغۇن دەۋر ئاخىرلاشتى، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە توقۇمۇچىلىق، سەھىيە، ساياھەت ۋە تېرىچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار؛ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەركەزلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقلىرى سۈرئەت بىلەن گۈللىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، مېدىيا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى لازىم. قازاقىستاندىكى تۈركىيە – قازاقىستان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئورتاق تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ. بىر بۆلۈمى ئىستانبۇلدا، بىر بۆلۈمى سەمەرقەنتتە بولىدىغان «تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئۇلۇغ بەگ ئۇنىۋېرسىتېتى»، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئۆزلىرى ئىگە بولغان تارىخىي مەلۇمات بىرىكمىسىنى تۈرك دۇنياسىدا ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەت – قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈرك – ئىسلام ئەنئەنىسى سەلەفى رادىكاللىقىغا قارشى ياۋرو-ئاسىيا ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر يول بولۇشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەلكىسىگە ئېغىر يۈكلەر يۈكلىنىدۇ.

كەرىموۋ تۈزۈمىنىڭ ئىككى ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئېغىر ھاكىممۇتلەق بولۇشى، ئىككىنچىسى، سوۋېت سىياسىي سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىدى. كەرىموۋ ياۋرو – ئاسىيادا چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈرىشىدىن دۆلىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، پايدىلىق يول سۈپىتىدە قىسمەن ئۆزىنى يالغۇزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تاللىغانىدى. يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولسا، گېئوپولىتىلىك دوئېل ئېلان قىلىشلارغا ئاكتىپ سىياسەتلەر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش يولىنى تاللايدىغاندەك قىلىدۇ.

ئۆزبېكىستان ئورنى ۋە نوپۇس كۈچى بىلەن ياۋرو – ئاسىيانىڭ ھالقىلىق دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئۆزبېكىستان بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماي تۇرۇپ، تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىيىن. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئۆزبېكىستان بۇ خىل ئەۋزەللىكى بىلەن دۇنيا ۋە رايون ئاكتىيورلىرى ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە كۆپلەپ قوڭغۇرىقىنى چالىدىغان بىر دۆلەت بولىدۇ.

شەۋكەت مىرزىيايېۋ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ماھىيەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى مۇمكىن. مىرزىيايېۋ تاشقى سىياسەتتە قوشنا تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىتا بەكرەك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويىدۇ ۋە يۇمشاق ئۇسلۇب قوللىنىدۇ. ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى بولۇپ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى تاللىشىنى، رۇسىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىقتىسادىي ساھەدە تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش نىشانىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى، دېيىشكە بولىدۇ.

مىرزىيايېۋ دەۋرى، ئۆزبېكىستانغا نىسبەتەن بىر يېڭى باشلىنىش بولىدۇ. كەرىموۋ تۈرك كېڭىشى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇساپىنى ساقلاپ قالغان ھالدا سىياسەت يۈرگۈزگەنىدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى رايوندىكى ئاكتىيورلار ۋە ئۆزبېكىستان پايدا ئالىدىغان ھالەتنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدۇ. ئۆزبېكىستاندا پۇل ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە قىسمەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تاشقى سېلىنمىلار ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقلار (تۈرك كېڭىشى دېگەندەك) بىر چىقىش يولى بولۇشى مۇمكىن.

مىرزىيايېۋ 13 يىل بويىچە كەرىموۋ تۈزۈمىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇڭا، مىرزىيايېۋنى كەرىموۋ تۈزۈمىنىڭ بىر مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۆزگىرىش ئاسانغا توختىمايدۇ. بىراق، مىرزىيايېۋ دۆلىتىنى ۋە رايوننى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك كېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشى ھەم رايون ھەم تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزبېكىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ھالقىلىق دۆلىتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر