ئەردوغان پۇتىن بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئەردوغان، پۇتىن بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان، ھەم سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېزا – ئىگىلىك ۋە ۋىزا چەكلىمىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىكار قىلىنغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىياسىي دىيالوگىمىزغا پاراللېل ھالدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىز يۈكسىلىشكە باشلىدى. مارت ئېيىدىكى زىيارىتىم جەريانىدا بەزى يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى، پۇقرالىرىمىزنىڭ خىزمەت ئىجازىتى مەسىلىلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك دوستۇم پۇتىننىڭ بەرگەن خۇشخەۋەرلىرى بىزنى سۆيۈندۈردى. ئارىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىز يولىدىكى پۈتكۈل توسۇقلارنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان قويۇق خىزمەتلىرىمىز داۋام قىلماقتا.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، رايون ۋە خەلقئاراغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «سۈرىيەدە ئاستانا سۆھبەتلىرى ۋە جىددىيچىلىكنى ئازايتىش مەسىلىلىرىگە مۇھىم تۆھپە قوشتۇق. نۆۋەتتە سىياسىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا مەركەزلىشىشكە بولىدىغان بىر نۇقتىغا كەلدۇق» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 2015 – يىلىدىكى ئايروپىلان كىرىزىسىدىن ئىلگىرىكى نۇقتىغا كەلگەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسىنىڭ سودا ھەجىمىنىڭ ئېشىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، «مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتكەن يىلى مەيدانغا كەلگەن بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ئەردوغان بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈركىيەدىن يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش قايتىدىن باشلىنىدۇ. باشقا چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىغا دائىر خىزمەتلەر توغرىسىدا بۈگۈن سۆزلەشتۇق» دېدى.

ئەردوغان بىلەن سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان پۇتىن، رايونغا ئالاقىدار پۈتكۈل مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. پۇتىن، سۈرىيەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان ئاستانا سۆھبەتلىرى مۇساپىسىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن ئۇتۇقلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىزمەتلەر غەلىبىلىك داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ سايىسىدا سۈرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئازايدى. ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر ئالاقىلىرىمىز ئادەتكە ئايلاندى. بۇ ئۇچرىشىشلار ئىزچىل شۇنداقلا بىيۇروكراتىيەدىن يىراق ھالدا گۈزەل كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلماقتا» دېدى.

ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ۋە ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «بۇ يەردە ئالدى بىلەن تۈرك ئېقىمىنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك. تۈركىيەدە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەر ھەر ئان باشلىنىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ۋىلادىمىر پۇتىن سۆزلىرىنى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان ھالدا ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر