ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ كۆپ تەرەپلىمىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي جەھەتتىن قارىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافېنا زىيارىتىدە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس بىلەن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتە قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىر-بىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئورتاق مەتپەئەتكە قاراپ يۈزلىنىشىمىز كېرەك، مۇزاكىرەلىرىمىزنى ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەسلىدە خەلقلىرىمىزنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئورتاق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ جەھەتتە ئىدېئولوگىيەلىك خاتا قاراشلىرى بولغانلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىمىز يېتەرلىك. تۈركىيە بولۇشىمىز سۈپىتىدە، بىزنىڭ ھېچقايسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا كۆزىمىز يوق» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«بىز ئۆتمۈشتە بىر-بىرىمىز بىلەن ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن دۆلەتلەرمىز، گىرېتسىيەدە قېرىنداشلىرىمىز بار، بىزدىمۇ سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بار. كاشكى بۇرۇنقى خاتالىقلار سەۋەبىدىن بىر قىسىم رۇم خەلقى دۆلىتىمىزدىن ئايرىلمىغان بولسا. خاتالىقلارنى تارىختا قالدۇرۇپ، كېلەچەكنى ئىنتايىن پۇختا بولغان ئاساستا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. ئەگەر ھەقىقىي مەنىدە ئوخشاش گەپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، ئورتاق ئەقىلنى تەشكىل قىلالىساق، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە خەلقىگە ھەم شەخسىي نامىدىن ھەم تۈرك خەلقى نامىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا 2016-يىلى 18-مارت ئىمزالانغان كۆچمەنلەر كېلىشىمىنى تىلغا ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئەگە دېڭىزىدىكى كۆچ دولقۇنىنى ئازايتىپ، كېلىشىمگە بولغان سادىقلىقىنى نامايان قىلدى.»

چىپراس: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تەرىپىدىن ئارىدىن ئونلارچە يىل ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مەزكۇر زىيارەتنىڭ، كەلگۈسىدە جەسۇرلۇق بىلەن قەدەم تاشلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر